خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى يۈزلەرچە ئۆينى ۋەيران قىلدى، نۇرغۇن كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
باكولود (Bacolod) شەھىرىدىكى ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان بىر مەھەللىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى رايونغا ئەۋەتىلدى.
فىلىپپىندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى يۈزلەرچە ئۆينى ۋەيران قىلدى، نۇرغۇن كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
فىلىپپىندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى يۈزلەرچە ئۆينى ۋەيران قىلدى، نۇرغۇن كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى / AA

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىندا ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان بىر مەھەللىدە يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ئاپىتى، ئونلارچە ئۆينى ۋەيران قىلىپ، 300 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆي-ماكانسىز قالدۇرغان.

فىلىپپىن «Daily Inquirer» گېزىتىنىڭ شەھەرلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچېل ۋېردېپرادو-مانگگانى مەنبە قىلىپ چىقارغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەيشەنبە كۈنى كەچتە باكولود شەھىرىنىڭ باراڭگاي (Barangay) رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى پۇروك رامون ماگسايساي داۋىس  ئاھالىلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

ئاز دېگەندە 103 ئائىلە ۋە جەمئىي 307 كىشى ئۆيلىرىنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.

دەسلەپكى مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، 27 ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، 10 ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان. لېكىن دائىرىلەر تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ساننىڭ يەنە ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تەيىنلەندى ۋە بۇ ئائىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ