خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئۇكرائىناغا جىددىي باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ، موسكۋانىڭ شىددەتلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى، شەھەر ئاھالىلىرى يوشۇرۇنۇش ئورۇنلىرىغا (بۇنكېرلارغا) كىرىۋالدى.
رۇسىيە ئۇكرائىناغا جىددىي باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا جىددىي باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى / Reuters

مەسئۇللار، كىيېۋنىڭ چوڭ تىپتىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختىدە دەھشەتلىك پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت بىنالىرى جايلاشقان رايونغا يېقىن بىر ئولتۇراق بىنادا قاتتىق سىلكىنىش مەيدانغا كەلدى. ئونلىغان كىشى شەھەر مەركىزىدىكى بىر مېترو بېكىتىدە پاناھلاندى.

كىيېۋ شەھەرلىك ھەربىي باشقارمىنىڭ باشلىقى تىمۇر تكاچېنكو، تېلېگرام ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پايتەخت جىددىي باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى» دېدى.

شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو بولسا، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەۋچېنكىۋىسكى، دنىپروۋىسكى ۋە پودىلسكى ناھىيەلىرىدە ئوت ئاپىتى ھەمدە ئولتۇراق ئۆيلەردە ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ukrainian strike on college, dormitory in Russian-controlled Luhansk kills four, injures 35: Russia

ئۇكرائىنا مەسئۇللىرى ۋە ئامېرىكانىڭ كىيېۋدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ئۆلۈم ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇملارغا مەسئۇل كىشىلەرنى «جازالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەندىن كېيىن، پايتەختكە قارىتا چوڭ بىر ھۇجۇم ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئىلگىرىمۇ ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولغان ئىدى.

شەنبە كۈنى ھەم ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، ھەم ئامېرىكانىڭ كىيېۋدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، رۇسىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى ھاۋا ھۇجۇمى خەۋپىگە قارىتا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.

زېلېنسكىي ئۆز ئاگاھلاندۇرۇشىدا: «كىيېۋنىمۇ قاتارلىق ئۇكرائىنا زېمىنلىرىغا قارىتىلغان ۋە ئورېش قاتارلىق ئوخشاشمىغان قورال تۈرلىرى قوللىنىلىدىغان  قوشما بىر ھۇجۇم تەييارلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى. ئورېش، رۇسىيەنىڭ يادرو ئوق بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھىپېرسونىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ھېسابلىنىدۇ.

كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئۆز كۈچلىرىنىڭ رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى شەرق رايونىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپنىڭ قايتۇرما زەربىسىنى كۈتۈۋاتقان ئىدى. موسكۋا تەرەپ بۇ ھۇجۇمنىڭ ھۇجۇمنىڭ بىر كمەكتەپ ياتاق بىناسىغا قىلىنغانلىقىنى ۋە كەم دېگەندە 18 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىنى ئېلان قىلدى.

پەيشەنبە كۈنى كېچىدىن جۈمە كۈنى ئەتىگەنگىچە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى، ئۇكرائىنانىڭ ئاخىرقى ئايلاردىكى ئەڭ ئەجەللىك ھۇجۇملىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئىشغال ئاستىدىكى لۇھانسىك رايونىغا قاراشلىق ستاروبىلسىك نەھىيەسىدە 42 كىشى يارىلاندى.

قازا قىلغانلارنىڭ ۋە يوقالغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 2003-يىلى بىلەن 2008-يىللىرى ئارىسىدا دۇنياغا كەلگەن ياش قىزلار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۇكرائىنا تەرەپ بولسا پۇقرالارنى نىشانلىغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئالدىنقى فىرونت لىنىيەسىدىن تەخمىنەن 65 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ستاروبىلسىك رايونىدا ئورۇنلاشقان رۇسىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمىغا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى