«تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قىزىقىدۇ»
تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
«تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قىزىقىدۇ»تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى، بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئورتاق تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان

مىنىستىر خاقان فىدان ياپونىيەدىكى «نىككېي ئاسىيا» (Nikkei Asia) گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقارغۇچىسى سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان خاقان فىدان، ئەنقەرەنىڭ توكيو بىلەن بولغان مۇداپىئە سانائىتى ئالاقىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بىلەن ياپونىيە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىقتىدارلارغا ئىگە، بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئۈچۈن زور يوشۇرۇن كۈچ بارلىقىغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز.»

تۈركىيەدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ياكى ئۇچقۇ تېخنىكىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ھەربىي ھەرىكەت مۇھىتلىرىدا ئۆزىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ دېڭىز ساھىللىرى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ياپونىيە بىلەن ئورتاق تەتقىق قىلىپ چىقىش ھەمدە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خاقان فىدان: «ئاۋىياتسىيەدە، بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا سىستېمىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى تۇرۇش تېخنىكىلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە، ھەمكارلىق ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتالايدىغان ئىلغار ھەمدە ئەمەلىي مەيدانلاردا سىناقتىن ئۆتكەن ئىقتىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇردى» دېدى.

«غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى بار»

مىنىستىر خاقان فىدان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىماللىقى بولغان ساھەلەر توغرىلىقمۇ توختىلىپ، ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئۆزگىرىش، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىلىرى، روبوت تېخنىكىسى ۋە چىداملىق تەمىنلەش زەنجىرى ساھەلىرىدە تېخى ئىشلىتىلمىگەن غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

خاقان فىدان تۈركىيەدىكى ھالقىلىق قېزىلما بايلىقلارغا ئالاقىدار سوئالغا تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سانائەت نىشانلىرى بىلەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئىستراتېگىيەلىك نىشانىمىز پەقەت كان ئېچىشلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى قوشۇمچە قىممەتكە ئىگە قىسقا ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياپونىيە تېخنىكىسى ۋە سېلىنمىسى بىلەن ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىق ھەقىقىي مەنىدىكى تەڭ پايدا ئېلىش شېرىكچىلىكىنى يارىتالايدۇ، بىزمۇ بۇ ساھەدە ياپونىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى