سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئورتودوكس پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
كىرېمىل سارىيى ئۇكرائىنانىڭمۇ ئۇرۇش توختىتىشقا قاتنىشىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئورتودوكس پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئورتودوكس پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى / Reuters

 كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يېقىنلىشىۋاتقان پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، 11-ئاپرېل شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13:00 دىن 12-ئاپرېل كۈنىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئۇكرائىنا بىلەن پاسخا ئۇرۇش توختىتىش قارارى ئېلان قىلغان.

كىرېمىل سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇلازىمەت بۆلۈمى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپنىڭمۇ بۇنىڭغا رىئايە قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئالىي قۇماندانى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قارارى بىلەن، يېقىنلىشىۋاتقان ئورتودوكس پاسخا بايرىمى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇقەددەس تىرىلىشى) مۇناسىۋىتى بىلەن، 11-ئاپرېل سائەت 16:00 دىن 12-ئاپرېل كۈنىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى.»

باياناتتا يەنە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي بېلوسوۋ ۋە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋغا بۇ مەزگىلدە بارلىق فىرونتلاردا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«(رۇسىيە) قىسىملىرى دۈشمەننىڭ ئوتتۇرىغا چىققۇسى ئىغۋاگەرچىلىكلىرى ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەييار تۇرۇشى كېرەك. ئۇكرائىنا تەرەپنىڭمۇ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە ئوخشاش بىر قارار چىقىرىدۇ، دېگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ