تۈرك تىللىرى دىئالېكتلىرىنى تۈرگە ئايرىش

تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى

تۈرك تىلى ئۆتمۈشى تولىمۇ قەدىمىي دەۋرلەرگە تۇتىشىدىغان 7 - ۋە 8 – ئەسىرلەرگە تەۋە ھۆججەتلەردىمۇ ئىلغار بىر تىل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۈگۈنكى كۈندە 200 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاكتىپ سۆزلىشىۋاتقان تۈرك تىللىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز. پىروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، تۈرك تىللىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى، جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تىل قائىدىلىرى بويىچە تۈرگە ئايرىلىشى شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە قايسى جايلاردا ئاكتىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز.  كېيىنكى بۆلۈملىرىمىزدە بولسا، رەت بويىچە ئاكتىپ ئىشلىتىلىۋاتقان تۈرك تىلللىرى دىئالېكتلىرىنىڭ ھەر خىل شارائىتلىرى ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز.

دەرۋەقە تىل؛ ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ۋە تەبىئىي قورالدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۆز قانۇنىيىتى ئىچىدە ياشايدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان بىر مەۋجۇتلۇق ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئۇ بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قوبۇل قىلىنىپ كەلمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا 7000 ئەتراپىدا تىل بارلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆتمۈشى يۈزلىگەن ئەسىرلەرگە تۇتىشىدىغان، سەنئەت، ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە ۋە تېخنىكا قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان تىللارمۇ بار. بۈگۈنكى كۈندە غەربتە بالقان رايونىدىن شەرقتە تىنچ ئوكيانغىچە، شىمالدا شىمالىي قۇتۇبتىن جەنۇبتا تىبەتكىچە سوزۇلغان كەڭ رايوندا تارقاق شەكىلدە ئىشلىتىلىۋاتقان تۈرك تىللىرى ياكى تۈرك تىلى دەل شۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۈرك تىلى؛ گۆكتۈرك - ئۇيغۇر - قاراخانىيلار دۆلەتلىرىدە بىردىنبىر يېزىق تىلى سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. كېيىنكى تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا بىر تەرەپتىن تىلنىڭ تەبىئىي قۇرۇلمىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا ھەر خىل جۇغراپىيەلىك تارقىلىشلار، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ۋە مەدەنىيەت مۇھىتلىرى قاتارلىق تاشقى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى تۈرك تىلىمۇ ئۆزگەردى. يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل شاخچىلارغا ۋە دىئالېكتلارغا ئايرىلدى. شۇنداقتىمۇ 20 - ئەسىرگە قەدەر تۈرك تىللىرىنىڭ ئومۇمىي دىئالېكت پەرقى ئۇنچە چوڭ ئەمەس ئىدى. ئەمما، بۇ ئەھۋال بۈگۈنكى كۈندە زور دەرىجىدە ئۆزگەردى.

بۈگۈنكى كۈندە 200 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئىشلىتىدىغان زامانىۋى تۈرك تىللىرى؛ تۈركشۇناسلار ۋە تىلشۇناسلار تەرىپىدىن جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تىل قائىدىلىرى بويىچە 6 گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن مەركۇر تۈرگە ئايرىش تۆۋەندىكىچە:

- شەرقىي جەنۇب ياكى قارلۇق گۇرۇپپىسى

- شەرقىي شىمال ياكى سىبىرىيە تارمىقى

- غەربىي جەنۇب ياكى ئوغۇز گۇرۇپپىسى

-غەربىي شىمال ياكى قىپچاق گۇرۇپپىسى

- چۇۋاشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوگۇر تارمىقى

- ھالاچلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئارگۇ تارمىقى

دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

شەرقىي جەنۇب ياكى قارلۇق گۇرۇپپىسىدا بۈگۈن ئاساسەن ئۆزبېكىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى سۆزلەشمەكتە.

شەرقىي شىمال ياكى سىبىرىيە تارمىقى سىبىرىيە رايونىدا ئىشلىتىلمەكتە.

غەربىي جەنۇب ياكى ئوغۇز گۇرۇپپىسى بۈگۈن ئاساسلىقى تۈركىيە، گاگاۋۇزىيە، ئەزەربەيجان، ئىران، ئىراق، ئافغانىستان ۋە تۈركمەنىستاندا ئىشلىتىلمەكتە.

غەربىي شىمال ياكى قىپچاق گۇرۇپپىسى بۈگۈن ئاساسلىقى كاۋكاز، قىرىم، تاتارستان، باشقۇردىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، قارا قالپاقىستان ۋە ئالتايلاردا ئىشلىتىلمەكتە.

چۇۋاشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوگۇر تارمىقى ۋولگا رايونىدا ئىشلىتىلمەكتە.

خالاچلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئارگۇ تارمىقى ئىراندا ئىشلىتىلمەكتە.

بۇلاردىن باشقا يەنە، شەرقىي شىمال ياكى سىبىرىيە تارمىقى ئىچىدىكى سېرىق ئۇيغۇر تۈركچىسى بىلەن غەربىي جەنۇب ياكى ئوغۇز گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى سالار تۈركچىسى خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا ئىشلىتىلمەكتە. شەرقىي شىمال ياكى سىبىرىيە تارمىقى ئىچىدىكى فۇ –يۈ تۈركچىسىمۇ مانجۇرىيەدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ پىروگرامما خىزمەتدىشىمىز دوكتور سايدا بۇرخانۇددىنوۋا تەرىپىدىن تەييارلاندى.