جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى: مۇسۇلمانلار ئامېرىكاغا تەۋە ئەمەس
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى: مۇسۇلمانلار ئامېرىكاغا تەۋە ئەمەسپالاتا ئەزاسى ئاندى ئوگلېس ئەگەر ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاشنى خالىسا، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكاغا تەۋە ئەمەس / Reuters

جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى ئاندى ئوگلېس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋە ئۆچمەنلىككە تولغان بىر يازما ھەمبەھرىلىگەندىن كېيىن، قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلدى. ئوگلېسنىڭ يازمىسى نۇرغۇنلىغان دېموكراتچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ ۋە كەم دېگەندە بىر جۇمھۇرىيەتچى خىزمەتدىشىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئوگلېس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئورنى يوق. كۆپ خىللىق بىر يالغانچىلىقتۇر» دېدى. ئاندى ئوگلېس كېيىنچە ئېلان قىلغان يەنە بىر يازمىسىدا، ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«(ئەنگلىيەنى ھېسابقا ئالمىغاندا) دۇنيادا 57 ئىسلام دۆلىتى بار.»

نارازىلىقلار

ئوگلېس كۆز قاراشلىرى سەۋەبىدىن ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلارنىڭ رەھبىرى ھاكېم جېفرىس، پالاتا ئەزاسى ئېرىك سوالۋېل ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

جېفرىس بۇ باياناتنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئوگلېسنى «يامان نىيەتلىك مەسخىرەۋاز ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يالغانچىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى» دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە «سىزگە ئوخشىغان يىرگىنچلىك ئىسلام دۆشەمەنلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ياكى مەدەنىي جەمئىيەتتە ئورنى يوق» دېدى.

سوالۋېل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە كالىفورنىيە رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «ئاتا-ئانا، كارخانىچى، ساقچى ئوفىتسېرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ كىشىلەر ئامېرىكالىق... لېكىن بۇ يازما ئامېرىكىلىققا خاس ئەمەس» دېدى. پالاتا ئەزاسى جۇدى چۇ  بۇ قاراشنى «يىرگىنچلىك» دەپ ئاتاپ، «ئىرقىي كېمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئورنى يوق» دېدى.

ئوگلېس كېيىنچە تەنقىدلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەگەر ئوخشاش گەپنى خىرىستىيانلار ھەققىدە ئېيتقان بولسا، سۆزلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر مەن بۇنى خىرىستىيانلار ھەققىدە ئېيتقان بولسام، سۆزلىرىم خەۋەرلەردىمۇ چىقمىغان بولاتتى. سىلەردىكى ئەخلاقىي غەزەپنى ماڭا قاراتماڭلار، تېخىمۇ كۆپ يىغلاڭلار.»

«مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەسەبىي ئادەم»

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى (CAIR) مۇ ئوگلېسنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى «مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەسەبىي ئادەم» دەپ ئاتىدى. ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېدۋارد ئەھمەد مىتچېل بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بىرىنچى ماددىسىنىڭ «دۆلىتىمىزدىكى ھەممە ئادەمنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ دىنىي ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ھەرقانداق بىر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى 'يەھۇدىيلارنىڭ ئامېرىكادا ئورنى يوق' دېگەن بولسا، ئۇ سىياسەتچى ھەقلىق رەۋىشتە ئەيىبلەنگەن ۋە تەنقىدكە ئۇچرىغان بولاتتى.»

ئوگلېس 2024-يىلىمۇ پەلەستىننى قوللىغۇچى پائالىيەتچىلەرنىڭ غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن بالىلار ھەققىدىكى سوئالىغا «ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ جاۋاب بەرگەن بىر سىنالغۇ تارقالغاندىن كېيىن تەنقىدكە دۇچ كەلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»