ئىراقتا 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 9 تېررورچى يوقىتىلدى.

ئىراقتا 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى / TRT Uyghur

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى  تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 9 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«قەھرىمان قىسىملىرىمىز تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە. قىسىملىرىمىزنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا 2024-يىلى 3-9-دېكابىر كۈنلىرى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، ھاقۇرق، گارا ۋە مەتىنا رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.  تېررورىزمنى ئۆز مەنبەسىدە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئىدارىمىز قەتئىيدۇر.»