خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
داغىستاندىكى مۇئەسسەسەدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

رۇسىيەدىكى ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى «Ozon» نىڭ ئۈچ ئوخشىمىغان رايوندىكى ئامبارلىرى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى سەۋەبىدىن تىجارىتىنى ۋاقىتلىق توختاتتى، داغىستاندىكى مۇئەسسەسەدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

«Ozon» شىركىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ داغىستان رايونىدىكى ماخاچقەلئە شەھرىگە جايلاشقان ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇئەسسەسەدىكى خادىملارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا بىرنەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن يارىدارلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى. ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلغانلىقى ۋە ئامبارنىڭ تىجارىتى توختىتىلغانلىقى ئىپادىلەندى.

 بۇنىڭدىن باشقا، «Ozon» شىركىتىنىڭ ئادىگېيسك ۋە نېۋىننومىسسك شەھەرلىرىدىكى ئامبارلىرىنىڭمۇ كېچە سائەتلىرىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. مەزكۇر مۇئەسسەسەلەردىكى خادىملارنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى، ئامبار ۋە مەھسۇلاتلاردا زىيان كۆرۈلمىگەنلىكى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرى تۈپەيلىدىن ئامبارلارنىڭ ۋاقىتلىق تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا يېقىنقى مەزگىللەردە رۇسىيەنى مەركەز قىلغان يەنە بىر ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى «Wildberries» گە تەۋە ئامبار ۋە ئەشيا ئوبوروت مۇئەسسەسەلىرىگە قارىتا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار