خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيە: ترامپنىڭ گرونلاندىيەنىڭ ئامېرىكا كونتروللۇقىدا بولۇشى توغرىسىدىكى باياناتىنى رەت قىلىمىز
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدىكى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گرونلاندىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى باياناتلىرىغا قارشى چىقتى.
فىرانسىيە: ترامپنىڭ گرونلاندىيەنىڭ ئامېرىكا كونتروللۇقىدا بولۇشى توغرىسىدىكى باياناتىنى رەت قىلىمىز
ⱪoⱪⱨuo:mɤn küčlük tɤrtiplinip ölimlɩk jazani ⱨɤyata kɩriziƣɤ dawamlaⱪtürüp / TRT Global

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدىكى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گرونلاندىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى باياناتلىرىغا قارشى چىقىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق چېگرالىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا يول قويۇليمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىن-نوئېل باررو بىر رادىيو پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ترامپنىڭ دۆلىتى ۋە دانىيە ئەزا بولۇپ كىرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق چېگرالىرىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ترامپنىڭ باياناتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باررو: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ، قايسى دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق چېگرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

ئامېرىكادا ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ترامپ، 23-دېكابىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى —Truth Social دىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، گرونلاندىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى سۆزىنى تەكرارلىغان ھەمدە ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە كونتروللۇقىغا ئىگە بولۇشنىڭ «مۇتلەق زۆرۈرىيەت» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

گرونلاندىيە باش مىنىستىرى مۇتې بورۇپ ئېگېدې بولسا گرونلاندىيەنىڭ «سېتىلىدىغان نەرسە ئەمەسلىكى»نى، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار