ۋېنېزۇئېلا ترامپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى «مۇستەملىكىچىلىك» دەۋالىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ۋېنېزۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامۇئېل مونكادا ئەنئەنىۋى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئورنىنى «يېڭى، يامان غەرەزلىك ئۇسۇللار» نىڭ ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
ۋېنېزۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامۇئېل مونكادا دۆلىتىنىڭ بايلىقلىرى توغرىسىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ يېڭى دەۋالارنى خەلقئارا قانۇننىڭ «دەھشەتلىك» دەپسەندە قىلىنىشى دەپ تەنقىد قىلدى.
پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 80-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، «خەلقئارا مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغان مونكادا، ۋاشىنگتوندىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
مونكادانىڭ بۇ سۆزلىرى ترامپنىڭ «ۋېنېزۇئېلانىڭ زېمىنى ۋە نېفىت بايلىقلىرى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكاغا تەۋە» بولۇپ، تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن دەۋالىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
مەزكۇر دىپلومات ئاقساراينىڭ بۇ خىل باياناتلىرىنى مەدىنىيەت ئۆلچەملىرىگە قارىتىلغان «نەپرەتلىك ھاقارەت» دەپ سۈپەتلىدى. ئۇ بۇ خىل باياناتلارنىڭ 19-ئەسىردىكى جاھانگىرلىك سىياسەتلىرىگە قايتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «پىرېزىدېنت ترامپ تارىخ چاقىنى ئارقىغا ئايلاندۇرۇشنى ۋە ۋېنېزۇئېلادا بىر مۇستەملىكە قۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ دەھشەتلىك باياناتلارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق قانۇنىي ۋاسىتە يوق» دېدى.
«يېڭى، يامان غەرەزلىك ئۇسۇللار»
مونكادا ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە «ئىختىلاپ ۋە ۋەيرانچىلىق» تېڭىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مۇستەملىكىچىلىكنى «تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتى» دەپ ئاتىدى.
مونكادا ئەنئەنىۋى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئورنىنى «يېڭى، يامان غەرەزلىك كونترول قىلىش ئۇسۇللىرى» نىڭ ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دىپلوماتىك سۆھبەتلەر بىۋاسىتە ھەربىي تەھدىتنىڭ سايىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. ترامپ ئەگەر تەلەپلەرگە ئەمەل قىلىنمىسا، دۇنيادىكى «ئەڭ كۈچلۈك فىلوت» بىلەن مەزكۇر جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتىگە تولۇق ھاۋا ۋە دېڭىز قامالى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
مونكادا يەنە پەلەستىن ۋە پورتو رىكونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «چەت ئەل ھۆكۈمرانلىقى» ئاستىدا ياشاۋاتقان باشقا رايونلار بىلەن ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.