سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران مىقياسىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملار توقۇنۇشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىۋەتتى. تېھران، قۇم ۋە مۇھىم قاتناش مەركەزلىرىدە پارتلاشلار يۈز بەردى.
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى / Reuters

ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى  كېڭىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، سەيشەنبە كۈنى ئىراننىڭ شىمالىي ۋە غەربىدىكى ئايرودۇرۇملار ۋە نۇرغۇن نۇقتىلار بومباردىمان قىلىنغان.

تېھران ۋە قۇم شەھەرلىرىدە پارتلاشلار يۈز بەرگەن. ئىراننىڭ غەربتىكى ھۈررەمئاباد ئايرودۇرۇمى ۋە شىمالدىكى مېھراباد ئايرودۇرۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى IRIB پايتەختنىڭ بەزى رايونلىرىنىڭ كېچىچە نىشان قىلىنغانلىقىنى، تېھرانپارس ۋە سائادەت ئابادتىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھاكىم ئاپتوموبىل يولى بويىدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە مولاۋى رايونىدىكى سودا دۇكانلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان.

نىشان قىلىنغان جايلار ئارىسىدا ئىبادەتخانىمۇ بار

يەرلىك دائىرىلەر قۇم ئەتراپىدىكى ۋە يېزد شەھىرىدىكى بەزى جايلارنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتتى.

دوكلاتلاردا يەنە تېھراننىڭ ئىنقىلاب رايونىدىكى بىر ئىبادەتخانىنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇملاردىن كېيىن ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى  ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ