خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
بېرنى ساندېرس دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن پەقەتلا قارار لايىھەلىرىنى سۇنۇش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۇرۇشقا ئاجرىتىلغان مەبلەغنىمۇ ئۈزۈپ تاشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
U.S. Senator Bernie Sanders (I-VT) and New York City Mayor Zohran Mamdani hold Get Out the Vote rally in Brooklyn, New York

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېرنى ساندېرس CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 3-نويابىردىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا غەلىبە قىلغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كەلگۈسىدە يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىرانغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دېموكراتلار قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش — بۇ ئۇرۇشنى توختىتىش. بىز بۇنى پەقەتلا قارار لايىھەلىرىنى ماقۇللاش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشقا ئاجرىتىلغان مەبلەغنى ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.»

ساندېرس سۆزىدە يەنە: «بۇ ئۇرۇش ھەم قانۇنسىز ھەم ئاساسىي قانۇنغا پۈتۈنلەي خىلاپ» دېدى. ئۇ بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا 19 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىران ۋە ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدىمۇ مىڭلىغان بىگۇناھ ئەر-ئايال ۋە گۆدەكلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ ئاخىرىدا، مەزكۇر ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكاغا يۈز مىلياردلارچە دوللار ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېنزىن ۋە باشقا كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى باھاسىنىڭمۇ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: COP31 دىكى قەتئىي ئىرادە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ
پاكىستاندا مىنىبۇس دەرياغا قۇلاپ چۈشۈپ كېتىپ، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كۇبا مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
CENTCOM: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىدۇ، دېگەن داۋاسى قۇرۇق پەرەز
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى ئاگاھلاندۇرۇش رادارىغا زەربە بەردۇق
مالاتيادا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ھادىسىسىدە تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى: بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىز شۈبھىسىزكى ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى