خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيە رۇسىيەنى توسۇش ئۈچۈن 2039-يىلىغىچە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىنى قۇرۇشنى نىشانلىماقتا
مۇداپىئە مىنىستىرى پىستورىئۇس، گېرمانىيەنىڭ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەسكەر سانىنى 460 مىڭغا يەتكۈزۈش، ناتو ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيە رۇسىيەنى توسۇش ئۈچۈن 2039-يىلىغىچە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىنى قۇرۇشنى نىشانلىماقتا
گېرمانىيە رۇسىيەنى توسۇش ئۈچۈن 2039-يىلىغىچە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىنى قۇرۇشنى نىشانلىماقتا / Reuters

گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىئۇس چارشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ، رۇسىيەنى توسۇش مەقسىتىدە 2039-يىلىغىچە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك كونۋېنسىئونال (ئادەتتىكى) ئارمىيەسىگە ئايلىنىش ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پىستورىئۇس پايتەخت بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ (Bundeswehr) تەھدىت سېنارىيەلىرىنى بېكىتىش ۋە ئالدىمىزدىكى يىللاردا تەييارلىق سەۋىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۈگۈنگە قەدەر تۇنجى قېتىملىق ئەتراپلىق ھەربىي ئىستراتېگىيەنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەر، زاپاس ۋە سىۋىل خادىملار سانىنى ئاشۇرۇۋاتىمىز. ئاساسلىق پرىنسىپىمىز، ئاكتىپ ۋە زاپاس قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، جەڭگە تەييار ئاز دېگەندە 460 مىڭ ئەسكەرگە ئىگە بولۇشتۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

پىستورىئۇس يەنە گېرمانىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ناتو ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «گېرمانىيە ۋە ناتو ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئەسى بىز ئۈچۈن ئاساسلىق ساھە بولىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەيلى ئالدىنى ئالغۇچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بولسۇن، مەيلى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بولسۇن، ياكى ئۇلترا ئاۋاز تېزلىكىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى مۇداپىئە بولسۇن، بۇلار ئالدىمىزدىكى يىللاردا يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان مەسىلىلەر بولىدۇ» دېدى.

گېرمانىيەنىڭ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيەسى، ئالدىمىزدىكى يىللاردا ھەربىي ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە 2039-يىلىغىچە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك كونۋېنسىئونال ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈچ باسقۇچلۇق پىلاننى نىشان قىلماقتا.

پىلانغا ئاساسلانغاندا، قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشان مۇداپىئە ئىقتىدارىنى بارلىق جەھەتلەردىن تېز سۈرئەتتە ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش بولىدۇ. ئۇزۇن مەزگىلدە بولسا، قوراللىق قىسىملار تەرەققىي قىلغان قورال سىستېمىلىرى ۋە سۈنئىي ئىدراك قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنى نىشان قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Germany plans to buy 15 more F-35 fighter jets amid defence buildup — report
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى