تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان بانگلادىش بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى
مىنىستىر فىدان: «بانگلادىش بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى بارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلىدۇق» دېدى.
خاقان فىدان بانگلادىش بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى
خاقان فىدان بانگلادىش بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بانگلادىشتىكى ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا بەرگەن باياناتىدا: «دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، قېرىنداشلىق رىشتىلىرىمىز ئۇيغۇن رەۋىشتە، ئىنتايىن پۇختا ئاساسلار ئۈستىدە يۈكسەلگەن دۇر» دېدى.

مىنىستىر فىدان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بانگلادىشنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلاملاردىن كېيىن يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، پاراۋانلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا نەق مەيداندا گۇۋاھ بولغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

مىنىستىر فىدان مەنسەپدىشى (بانگلادىش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) دوكتور خېلىلۇر راخمان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى بارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى قايتىدىن جەزملەشتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئاسىيا-تىنچ ئوكيان زىيارەت مۇساپىمىزنىڭ تۆتىنچى ھەم ئاخىرقى بېكىتى بولغان بانگلادىشتا، باش مىنىستىر تارىق راخمان  تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندۇق ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دوكتور خېلىلۇر راخمان بىلەن ئەتراپلىق سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىز جەريانىدا، فېۋرال ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن كېيىن يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغان بانگلادىشنىڭ كۈچلۈك يوشۇرۇن كۈچىگە ھەمدە بانگلادىشلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنچلىق، پاراۋانلىق ۋە مۇقىملىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان غايەت زور تىرىشچانلىقلارغا گۇۋاھ بولدۇق.

بانگلادىشلىق قېرىنداشلىرىمىزنى داۋاملىق قوللايمىز

دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ، ئۆزئارا قېرىنداشلىق رىشتىلىمىزگە ماس ھالدا، ئىنتايىن پۇختا ئاساسلار ئۈستىدە يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ھەمكارلىقىمىزنى بارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلىدۇق ۋە بانگلادىشلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاشنى ئەنە شۇنداق كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.

كۆرسەتكەن قىزغىن مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن، قىممەتلىك قېرىندىشىم دوكتور خېلىلۇر راخمان قاتارلىق پۈتكۈل بانگلادىش دائىرىلىرىگە ۋە خەلقىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يېقىنقى كۈنلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى 81-نۆۋەتلىك باش ئومۇممىي كېڭىشى رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تاللانغان قىممەتلىك سەپدىشىمنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى غايەت زور ئۇتۇق بىلەن ئادا قىلىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز.

زىيارىتىمىز دائىرىسىدە، كوكىس بازاردىكى پاناھلانغۇچلار لاگېرلىرىنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. بانگلادىش دۆلىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، چوڭ بىر ئىنسانىي مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئادا قىلماقتا. ئورتاق نىشانىمىز، روھىڭيا كىرىزىسىگە دائىملىق ۋە ئادىل بىر ھەل قىلىش چارىسىنىڭ تېپىلىشىدۇر. كوكىس بازاردا سەھىيە مىنىستىرلىقىمىز، تىكا (TİKA)، تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى، تۈركىيە دىيانەت ۋەقىپى ۋە باشقا ئورگانلىرىمىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنى نەق مەيداندا كۆردۇق. «تۈركىيە-بانگلادىش ئىنسانىي ياردەم دوختۇرخانىسى» دا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەھىيە خادىملىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق.

مۇشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق خادىملىرىمىزنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى، ئۆزىنى بېغىشلاشلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىدىغان ئۈلگىلىك تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن ئەڭ سەمىمىي مىننەتدارلىقىمىزنى سۇنىمىز. تۈركىيە بىلەن بانگلادىش ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، پەقەتلا ئۆزئارا مەنپەئەت خاراكتېرىدىن تاشقىرى، ئەڭ قىيىن كۈنلەردە بىر-بىرىگە ھەمدەم بولغان ئىككى مىللەتنىڭ ھەقىقىي دوستلۇقىدۇر. بىز بۇ رىشتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى