تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئاخىلكەلەك-قارىس تۆمۈريولىنىڭ ئەرمېنىيەگە ئېچىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى
تۈركىيە ۋەكىلى تۆمۈريول ئالاقىسىنىڭ تۈركىيە، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىروزىيە ئوتتۇرىسىدىكى رايونلۇق ھەمكارلىققا، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاخىلكەلەك-قارىس تۆمۈريولىنىڭ ئەرمېنىيەگە ئېچىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى
تۈركىيە ئاخىلكەلەك-قارىس تۆمۈريولىنىڭ ئەرمېنىيەگە ئېچىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى / AA

تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى ئالاھىدە ۋەكىلى، ئاخىلكەلەك-قارىس تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتىغا ئېچىلىشىنىڭ ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى ئالاھىدە ۋەكىلى سەردار قىلىچ يەكشەنبە كۈنى X تىكى ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ تاشقى سودىسىغا ئېچىلىدىغانلىقىغا دائىر بۇرۇنقى باياناتى ئۈستىدە توختالدى.

قىلىچ بۇ تەرەققىياتنى تۈركىيە-ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى دائىرىسىدە بىۋاسىتە سودىدىكى يېڭى بىر قەدەم دەپ باھالىدى.

قىلىچ: «تۈركىيە، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىروزىيە ئوتتۇرىسىدا تۆت تەرەپلىك ھەمكارلىقنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا مۇھىم تۆھپە قوشىدىغان بۇ يېڭى قەدەمنىڭ بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى بۇ قەدەمنى ئەرمېنىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن مۇھىم بىر تەرەققىيات دەپ باھالىدى ھەمدە تۈركىيە بىلەن گىروزىيەدىكى شېرىكلىرىگە ھەمكارلىقلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

پاشىنيان ئەرمېنىيەنىڭ ئەمدى گىروزىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارقىلىق رۇسىيەگە، رۇسىيە ۋە قازاقىستان ئارقىلىق خىتايغا تۆمۈريول قاتنىشى لىنىيەسىگە ئېرىشكەنلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

پاشىنيان تۈركىيە ۋە گىروزىيە ئارقىلىق ئۆتىدىغان تۆمۈريول يۆنىلىشىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى، تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئىران بىلەن بولغان تۆمۈريول ئالاقىلىرىنىڭمۇ يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye ready to launch direct trade with Armenia amid normalisation push: official
ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»