خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، شىمالىي كورېيەلىك سەپدىشى كىم جۇڭئۇنغا، بۇ زىيارىتىنى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوڭ بىر پۇرسەت سۈپىتىدە باھالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى / AP

شىمالىي كورېيە دۆلەتلىك تاراتقۇسى KCNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پيوڭياڭدا بىر يىغىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش قارارى ئالغان.

KCNA سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، رەھبەرلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

KCNA نىڭ يەتكۈزۈشىچە كىم جۇڭئۇن شى جىنپىڭغا، خەلقئارالىق ۋەزىيەت قانداقلا ئۆزگەرمىسۇن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنىڭمۇ پەقەت بىرلا دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان «بىر خىتاي پىرىنسىپى» نى پۈتۈنلەي قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، يەتتە يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلغان شى جىنپىڭ بولسا كىم جۇڭئۇنغا، بۇ ساياھىتىنى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن بىر پۇرسەت سۈپىتىدە قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Xi: China ready to boost ties with North Korea

خەۋەردە يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنىڭ ئۆزئارا زىيارەتلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ كېلىشكەنلىكلىرى ئەسكەرتىلگەن.

شىمالىي كورېيە تاراتقۇلىرى رەھبەرلەرنىڭ پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قورال پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

خىتاي دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇامۇ شى جىنپىڭنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتىنى دۈشەنبە كۈنى جىددىي خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى