سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان %50 لىك تاموژنا بېجىنى 9-ئىيۇلغىچە كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ترامپقا سۆھبەتنىڭ «تېزلىك بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى» ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تاموژنا بېجىنى كېچىكتۈرۈشكە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان %50 لىك تاموژنا بېجىنى 9-ئىيۇلغىچە كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلدى
/ AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان %50 لىك تاموژنا بېجىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىنى 9-ئىيۇلغىچە كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلدى.

 ترامپ يەكشەنبە كۈنى «Truth Social» سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋون دېر لېيېننىڭ سۆھبەت جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىنى كېچىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە «سۆھبەتنىڭ تېزلىك بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

 ترامپ بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىش قارارىنى «ئالاھىدە قارار» دەپ ئاتىدى.

ۋون دېر لېيېنمۇ ترامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى  دەلىللەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەتنى «تېز ۋە قەتئىي ھالدا» ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋە يېقىن سودا مۇناسىۋەتلىرى ئىگە.

كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تاموژنا بېجىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىنى 9-ئىيۇلغىچە كېچىشتۈرۈشكە ئېھتىياجىمىز بار.»

ترامپ ئىلگىرى 1-ئىيۇندىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللاردىن يۇقىرى نىسبەتتە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان، بۇنىڭغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە زىيان سالغان ئادالەتسىز سودا پائالىيەتلىرى ۋە توسالغۇلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ترامپنىڭ بۇ تەھدىتى دۇنيا پۇل - مۇئامىلە بازارلىرىنى تەۋرىتىۋەتكەنىدى.

 بۇ ئەھۋال ۋاشىنگىتون بىلەن بىريۇسسېل ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ۋاقىتلىق پەسەيگەنلىكىدىن دېرەك بەرسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك پەرق يەنىلا مەۋجۇت.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى