پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئادەم بومبا پارتلىدى

پاكىستان ساقچى ئورگانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەربىي شىمالغا جايلاشقان خەيبەر پاختۇنخۋادا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، ئۈچ ساقچى يارىلانغان ۋە بىر قىسىم قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۆلتۈرۈلگەن.

شىمالى غەربى پاكىستاندا بومبا پارتىلاتقۇچى بىر خەۋپسىزلىك نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلدى / AA

پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى (2-سېنتەبىر) ئەتىگەندە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتىنىڭ باننۇ رايونىدا كۈچلۈك پارتلاش يۈز بەرگەن. پارتلاشتا، بىر ئادەم بومبا پارتلاتقۇچ ئورنىتىلغان ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ چېگرا ساقلاش پونكىتىنىڭ دەرۋازىسىغا سوقۇلغان. پارتلاشتىن كېيىن، قاتتىق ئېتىشىش ۋە بىر نەچچە قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن.قوراللىق كۈچلەر ساقچى پونكىتىغا بېسىپ كىرگەن.

بىر ساقچى خادىمى خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ رايوننى مۇھاسىرەگە ئېلىپ، قورالىق كۈچلەرگە قارشى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رايوندىكى بىر  كىشى پارتلىغان ماشىنىنىڭ بەزى پارچىلىرىنىڭ  كوئات يولىغا چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ساقچىلار ھازىرغىچە ئۈچ ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بىر قىسىم قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ساقچىخانا مەركىزى ئەتراپىدىكى رايوننىڭ قاتنىشى توختىتىلغان بولۇپ، ئاھالىلەردىن ھەرىكەت ئاخىرلاشقۇچە ئۆيدە تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.