سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئامېرىكا دۆلەت كونگىرەسىدىن «دەھشەتلىك» ئۆزەك قانۇنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئۆزەك قانۇنىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مىلياردلارچە دوللارلىق ياردەم مەبلىغىنى بىكار قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
00:00
ترامپ ئامېرىكا دۆلەت كونگىرەسىدىن «دەھشەتلىك» ئۆزەك قانۇنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
ترامپ ئامېرىكا كونگىرەسىدە / MAXAR TECHNOLOGIES VIA GOOGLE/ Handout via Reuters

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا قانۇن چىقارغۇچىلىرىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى 52.7 مىليارد دوللار ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان 2022-يىلدىكى ئىككى پارتىيە تەڭ قوللىغان يېڭىلىق يارىتىش قانۇنىنى بىكار قىلىپ، ئۇ مەبلەغنى قەرز تۆلەش ئۈچۈن قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كونگىرەسىدە سۆز قىلىپ: «سىلەرنىڭ ئۆزەك قانۇنىڭلار دەھشەتلىك، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئىش. بىز يۈزلەرچە مىلياردلارچە دوللار بېرىۋاتىمىز، بۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئۇلار پۇللىرىمىزنى ئېلىپ، خەجلىمەيۋاتىدۇ... پىرېزىدېنت جاناپلىرى شۇڭا ئۆزەك قانۇنىنى بىكار قىلىشىڭلار ۋە قالغان ھەممە پۇلنى، قەرزنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىڭلار كېرەك» دېدى.

2022 -يىلى ئاۋغۇستتا ئەينى چاغدىكى پىرېزىدېنت جو بايدىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان «ئۆزەك ۋە پەن-تېخنىكا قانۇنى» ئامېرىكادىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلار سانائىتىنى قوللاش ئۈچۈن 39 مىليارد دوللارلىق ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان. بۇنىڭدىن سىرت، قانۇن يەنە ھۆكۈمەتنى بۇ ساھەگە 75 مىليارد دوللارلىق قەرز بېرىش ھوقۇقى بىلەنمۇ تەمىنلىگەنىدى.

بۇ باياناتلار ترامپنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئىككى پارتىيە قوللىغان ئۆزەك قانۇنىغا قارىتىلغان ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدى بولدى. «بىز ئۇلارغا پۇل بېرىشكە مەجبۇر ئەمەسمىز» دېگەن ترامپ، يېڭى تاموژنا بېجىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭلا ئۇلارنى ئامېرىكادا زاۋۇت قۇرۇشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سودا مىنىستىرى ھوۋارد لۇتنىك پىروگراممىنى ماختىدى، ئەمما بۇرۇن بايدىن مەزگىلىدە بېرىلگەن مۇكاپاتلارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدىن مەزگىلىدە سودا مىنىستىرى بولغان گىنا رېيموندو چەتتىن كىرگۈزۈلگەن ئۆزەكلەردىن كېلىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، ھۆكۈمەت ياردەم پۇللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بەش چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنى ئامېرىكادا زاۋۇت قۇرۇشقا قايىل قىلغانىدى.

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىلىرىدە، سودا مىنىستىرلىقى جەنۇبىي كورېيەنىڭ سامسۇنگ ئېلېكترونىكا شىركىتىگە 4.745 مىليارد دوللار، ئىنتېلگە 7.86 مىليارد دوللارغىچە، تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە 6.6 مىليارد دوللار ۋە مىكرونغا 6.1 مىليارد دوللار بولۇپ، جەمئىي 33 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مۇكاپات بەردى.

بەزى ئەمەلدارلار ترامپنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن قانۇنىي كۈچكە ئىگە ياردەم مەبلىغى كېلىشىملىرىنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

نيۇيورك ۋالىيسى كاتى ھوچۇل سەيشەنبە كۈنى قانۇننىڭ «مىكروننىڭ ئوتتۇرا نيۇيوركقا 100 مىليارد دوللار ۋە 50 مىڭ خىزمەت ئورنى ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى» ئىكەنلىكىنى، ترامپنىڭ بولسا، بۇ قانۇننىڭ بىكار قىلىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىۋاسىتە ھۇجۇم

تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى  — TSMC  بۇ ھەپتە ترامپ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكادا بەش قوشۇمچە ئۆزەك قۇرۇلۇش ئورنى سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى 100 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

لۇتنىك دۈشەنبە كۈنى ئاق سارايدىكى بىر پائالىيەتتە تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە بېرىلگەن 6.6 مىليارد دوللارلىق مۇكاپاتنى تىلغا ئالدى — ئەمما مىنىستىرلىقنىڭ تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە يېڭى ياردەم مەبلىغى بېرىش پىلانى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى — بىراق بۇ شىركەت 25 پىرسەنتلىك ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى باج كىرېدىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ئۆتكەن ئايدا مۇكاپاتىنىڭ 1.5 مىليارد دوللىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەكىل گىرېگ ستانتون ترامپنىڭ باياناتلىرىنىڭ «ئارىزونانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىگە ۋە ئون مىڭلىغان ئارىزونا ئىشچىلىرىغا قارىتىلغان بىۋاسىتە ھۇجۇم» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ بۇ قانۇن بولمىسا ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ھەپتە ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن 39 مىليارد دوللارلىق ئىشلەپچىقىرىش ياردەم مەبلىغىنى نازارەت قىلىدىغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ ئۈچتىن بىرى خىزمەتتىن بوشىتىلدى. ئەھۋالنى بىلىدىغان ئىككى مەنبە شۇنداق بىلدۈردى.

رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئۆتكەن ئايدا فېدېرال ھۆكۈمەتتە جىددىي قايتا قۇرۇلمىلاشتۇرۇشنى باشلىغان يېڭى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى بېرىلگەن پروجېكتلارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى