خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستاننىڭ كوهات شەھىرىدىكى بىر ساقچىخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 35 كىشى يارىلاندى. ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى كوهات شەھىرىگە جايلاشقان تارىخىي ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بەردى. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقەدە سەككىز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 35 كىشى يارالانغان.

 خەيبەر-پاختونخۋا ئۆلكىسىدىكى كونا ساقچى مەھەللىسى رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئۆلكىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مەسئۇلى زۇلفىقار ھامىد پارتلاشتا سەككىز كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 35 كىشىنىڭ يارلانغانلىقىنى دەلىللىدى. بىراق ئۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ قانچىسىنىڭ ساقچى، قانچىسىنىڭ پۇقرا ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. ھامىد پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرچە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھېچقانداق تەشكىلات چىقمىدى.

مەزكۇر رايوندا پاكىستان تالىبانلىرى دائىم زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى پارتلاشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سەۋەبىدىن چىن دىلىدىن قايغۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ