ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىندىستان بىلەن بولغان جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن پاكىستانغا كەلدى
ئىران ھىندىستاننىڭ باشقۇرىشىدىكى كەشمىردە يۈز بەرگەن قانلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىسلامئاباد بىلەن يېڭى دېھلى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە ۋە مۇرەسسە قىلىشقا تىرىشماقتا.
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىندىستان بىلەن بولغان جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن پاكىستانغا كەلدى
Abbas Araghchi's visit is the first by a foreign dignitary since tensions flared. / Photo: AP / AP
2025-يىلى5-ئاينىڭ5-كۈنى

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالدىنقى ئايدا ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىسلامئاباد بىلەن يېڭى دېھلى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دۈشەنبە كۈنى پاكىستانغا كەلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئابباس ئاراقچىنىڭ زىيارىتى تالاش-تارتىشلىق كەشمىر رايونىدىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان ئەجەللىك ھۇجۇمدىن كېيىن، جىددىيلىك كۈچەيگەن مەزگىلدە، چەتئەل ئەمەلدارىنىڭ بۇ دۆلەتكە قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ زىيارەت تېھران دائىرىلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بىر نەچچە كۈن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

ئاراقچى ئىسلامئاباد ئايرودورۇمىغا قونغاندىن كېيىن پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى. مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئاراكقچى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار، پىرېزىدېنت ئاسىف ئەلى زەردارى ۋە باش مىنىستىر شاھباز شەرىف بىلەن كۆرۈشىدىكەن. باياناتتا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار بېرىلمىدى.

پاكىستان قوراللىق قىسىملىرى ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى. (بۇ ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش خىزمەتلىرى) كابىنېت مىنىستىرى ئاتاۋۇللا تارارنىڭ ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەشمىرنىڭ پاھالگام بازىرىدا 22-ئاپرېل يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئاخباراتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن باشلانغان.

پاكىستان ھۇجۇمغا قاتناشقانلىقىنى رەت قىلىپ، ئىشەنچلىك خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

يېڭى دېھلى ھازىرغا قەدەر بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۇنيا رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە يەنىمۇ كۈچىيىپ كېتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

كەشمىر ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت پۈتكۈل رايوننى تەلەپ قىماقتا. ئىككى دۆلەت ھىمالايا رايونىدىكى تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن ھازىرغىچە ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئىككىسىنى ئېلىپ باردى. ئاساسلىقى كەشمىر ئۈستىدىكى رىقابەتنىڭ تۈرتكىسىدە مۇناسىۋەت ئۇزۇندىن بۇيان توقۇنۇش، تاجاۋۇزچىلىق دىپلوماتىيەسى ۋە ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك بىلەن ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە.

يېقىنقى جىددىيلىك بىلەن ھەر ئىككى دۆلەت دىپلوماتلىرىنى ۋە پۇقرالىرىنى ئۆز-ئارا قوغلاپ چىقىرىشىپ، ھاۋا بوشلۇقىنى تاقىغان ئىدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
پېنتاگون مىننېسوتا ئىشتاتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1500 ئەسكەرنى جىددىي ھالەتكە كەلتۈردى
كايا كاللاس: «خىتاي بىلەن رۇسىيە بايرام قىلىۋاتقان بولسا كېرەك» دېدى
ترامپ مىسىر بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۇ توسمىسى مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى
ئىراندا نامايىشلاردا ئۆلگەنلەر سانى  3000دىن ئېشىپ كەتكەن
ترامپ: بىز گىرېنلاند مەسىلىسىدە ناتو بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز
كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا يول ئېچىش كېلىشىمگە ئىمزا قويدى
ئىراندا نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «TRT Genç» قانىلىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى: كەلگۈسى سىلەرنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك»نى تەكىتلىدى
پىرېزىدېنت ترامپ غەززەدە قۇرۇلغان پەلەستىن كەسپىي ئەمەلدارلار ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
نوبېل كومىتېتى: مۇكاپاتنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ
ئاقساراي: ياۋروپا قىسىملىرى ترامپنىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش نىشانىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە
24 سائەت ئىچىدە ئىراندا يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەر