CBS News نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر ئەدلىيە تېببىي مۇتەخەسسىسى، جىنسىي جىنايەتلەر بىلەن سوتلانغان ۋە ئىسمى سەتچىلىكلەرگە چېتىلغان پۇل-مۇئامىلىچى جېفرېي ئېپشتېيننىڭ 2019-يىلى ئاۋغۇستتا مانخاتتاندىكى فېدېراتسىيە تۈرمىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشىنىڭ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن بەكرەك قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«Journal of Forensic and Legal Medicine» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دوكتور مايكېل فرىمان دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئەدلىيە تېببىي مۇتەخەسسىسى خاتىرىلىگەن يارىلىنىشلار، كىشىنىڭ ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋېلىشى بىلەن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېدى. فرىمان ئېپشتېيننىڭ ئىنىسى تەرىپىدىن ئۆزىگە تەمىنلەنگەن جەسەت تەكشۈرۈش خاتىرىلىرى ۋە سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، تەتقىقات نەتىجىسىنى دۈشەنبە كۈنى لوندوندا ئېلان قىلدى.
فرىمان: «بارلىق بايقاشلار بىرلىكتە باھالانغاندا، ئۆلۈمنىڭ تار ۋە تۈگۈنلۈك بىر رەخت ئىشلىتىلىپ، ئارقىدىن بوغۇش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن بىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى. نىيۇ-يورك ئەدلىيە تېببىي ئورگىنى باياناتچىسى بولسا، ئورگاننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى چىقارغان يەكۈنىنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بالىلارغا قارىتىلغان جىنسىي خورلاش جىنايەتلىرى بىلەن تونۇلغان جېفرېي ئېپشتېين، 2019-يىلى ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە جىنسىي خورلاش ئەيىبلەشلىرى بىلەن سوتلىنىشنى كۈتۈۋاتقان مەزگىلدە نىيۇ-يوركتىكى تۈرمە كامېرىدا ئۆلۈك ھالدا تېپىلغان ئىدى. ئېپشتېين 2008-يىلى فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر سوت مەھكىمىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەن بىر كىشىنى پاھىشىلىككە يېتەكلەش جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان ئىدى. ئەمما تەنقىدچىلەر ئېپشتېيننىڭ نىسبەتەن يېنىك جازا بىلەن ئاخىرلاشقان كېلىشىمىنى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىمتىيازلىق بىر مۇئامىلە دەپ سۈپەتلىمەكتە. ئېپشتېيننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار، پۇل-مۇئامىلىچىنىڭ باي كىشىلەر ۋە سىياسىي سەرخىللار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر جىنسىي خورلاش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى تورىنى باشقۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.























