خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
قىلىنغۇسى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا قاتنىشىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم ئامېرىكا ئەسكىرى ئوتتۇرا شەرقكە يېتىپ كەلدى
ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان مەزكۇر قىسىملارنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئىرانغا تەۋە نېفىت مەركىزى بولغان خارگ ئارىلى ياكى ئىسفاھان يادرو مۇئەسسەسەسىگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.
قىلىنغۇسى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا قاتنىشىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم ئامېرىكا ئەسكىرى ئوتتۇرا شەرقكە يېتىپ كەلدى
AQSH ning yüzlärchä mahsus herikät küchliri Yéqin Sherqqä orunlashturuldi. (Süret: Arxivtin) / AP

«New York Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشتىكى كېيىنكى قەدىمىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىمىنىڭ يۈزلەرچە ئەسكىرى ئوتتۇرا شەرقكە يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىڭلارچە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسينىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكەرلىرى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە پاراشۇتچىلار قىسىملىرى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

گېزىتكە بايان بەرگەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئەمەلدارلار، قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىر جەڭچىلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسكەرلەرنىڭ تېخى ئېنىق بىر ۋەزىپىگە تەقسىم قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئالاھىدە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئىران تاقىۋەتكەن ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشكە ياردەملىشىش ياكى ئىراننىڭ پارس قولتۇقىدىكى مۇھىم نېفىت مەركىزى بولغان خارگ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا ئىراننىڭ ئىسفاھان يادرو مەركىزىدكى يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى نىشان قىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگىمۇ قاتنىشىشى ئېھتىمالغا يېقىن.

رايونغا بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 2500 دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق جەڭ قىلغۇچى ئەسكىرى بىلەن 2500 دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرى ئەۋەتىلگەنىدى. ترامپ توقۇنۇشتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرا شەرققە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكا ئەسكىرى سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى؛ بۇ سان ئادەتتىكىدىن تەخمىنەن 10 مىڭ ئەتراپىدا كۆپ.

بىر قانچە تاللاش تۈرى كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە

ئەمەلدارلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ دۇنيا نېفىتىنىڭ تەخمىنەن %20 تى ئۆتىدىغان مۇھىم سۇ يولى ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىشقا دائىر تاللاشلارنى باھالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بوغۇز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرغان ئىران قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زەربىسىدىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە تاقىلىپ قالغانىدى.

رايوندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ئادەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين، ئىراق، سۈرىيە، ئىيوردانىيە، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بازىلاردا ۋە پاراخوتلاردا بولۇپ تەخمىنەن 40 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. 4500 خادىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان «Gerald R. Ford» ئاۋىياماتكىسى تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن رايوندىن چېكىنىپ چىقىپ، نۆۋەتتە ياۋروپادا تۇرماقتا.

پېنتاگون ئۆتكەن ھەپتە 82-ھاۋا ئارمىيە باتالىيونىدىن تەخمىنەن 2000 ئەسكەرنى رايونغا ئەۋەتتى، ئەمما بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئورنى ئاشكارىلانمىدى. ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر ئىراننىڭ زېمىن چوڭلۇقى ۋە نوپۇس سانىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن 50 مىڭ ئەسكەرنىڭمۇ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى