تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى
بۇ نەتىجىگە قارىماي، گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولغان ئامېرىكا، ئالدىنقى 32 كۈچلۈك كوماندا ئارىسىدا بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
تۈركىيە كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى
تۈركىيە كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى / AA

تۈركىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسى، 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ D گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا كوماندىسىنى لوس ئانژېلېس تەنتەربىيە مەيدانىدا 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، مۇسابىقىگە غەلىبە بىلەن خاتىمە بەردى.

مۇسابىقىنى تېز سۈرئەتتە باشلىغان تەرەپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپ، ئاۋستون ترۇستى 3-مىنۇتتا توپنى ئۇغۇرجان چاقىرنىڭ يېنىدىن ئۆتكۈزۈپ تورغا كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئالدىغا ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە كوماندىسى ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. بارىش ئالپەر يىلماز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە لىنىيەسىدىن بوشلۇق تېپىپ، توپنى Real Madrid كوماندىسى ماھىرى ئاردا گۈلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەردى؛ 10-مىنۇتتا كۈچلۈك زەربە بىلەن توپنى تورغا كىرگۈزگەن ئاردا، ھەم ئۆزىنىڭ ھەم كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى.

ئاردا كىرگۈزگەن بۇ توپ تۈركىيەنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىدىكى 63-قېتىملىق توپقا زەربە بېرىشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ 2002-يىلى ئىلھان مەنسىز كىرگۈزگەن توپتىن كېيىن (يەنى ئارىدىن 24 يىل ئۆتكەندىن كېيىن)، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن تۇنجى توپى بولۇپ قالدى.

مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى مەيدانى ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىش بىلەن داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، تۈركىيە كوماندىسى جازا رايونىدا توپ بىلەن ئۇچراشقان ئوركۇن كۆكچۈنىڭ 31-مىنۇتتا كىرگۈزگەن توپى بىلەن قايتىدىن ئالدىغا ئۆتتى.

يېقىن ئارىلىقتىن زەربە بېرىش

مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى مەيدانىنى قايتىدىن كۈچلىنىپ باشلىغان ئامېرىكا كوماندىسى، 49-مىنۇتتا تۈركىيە كوماندىسىنىڭ جازا رايونىغا كەلگەن توپنى تولۇق يىراقلاشتۇرالماسلىقى نەتىجىسىدە نەتىجىنى قايتىدىن تەڭلەشتۈردى؛ سېباستىيان بېرخالتېر توپقا يېتىشىپ بېرىپ يېقىن بىر نۇقتىدىن كۈچلۈك زەربە بېرىپ توپنى تورغا كىرگۈزدى. بۇ ئۇنىڭ كوماندىسىدىكى تۇنجى توپى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە كوماندىسى 90+8-مىنۇتتا قائان ئايخاننىڭ يېقىن ئارىلىقتىن بەرگەن زەربىسى بىلەن مۇسابىقىدە 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، مۇسابىقە جەريانىدىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ۋىنسېنزو مونتېللا، بۇ غەلىبىدىن كېيىن كوماندىسى بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە دۆلىتىگە باشلىرىنى تىك تۇتقان ھالدا قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مونتېللا مۇسابىقىدىن شاللىنىپ كەتكەن بولۇشنىڭ ئېلىپ كەلگەن روھىي بېسىمىغا ۋە ئامېرىكا مەستانىلىرى ئالدىدا ئوينىغانلىقىغا قارىماي، توپچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى، كۈچىنى ۋە خاراكتېرىنى نامايان قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مۇسابىقىدە ئاۋسترالىيە بىلەن پاراگۋاي 0 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

بۇ نەتىجىلەردىن كېيىن ئامېرىكا كوماندىسى D گۇرۇپپىسىنى بىرىنچى بولۇپ تاماملاپ يۇقىرى بىر دەرىجىگە ئۆرلەشكە مۇۋەپپەق بولدى، تۈركىيە كوماندىسى بولسا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا قېلىپ مۇسابىقە بىلەن خوشلاشتى.

ئامېرىكا كوماندىسى ئالدىنقى 32 كۈچلۈك كوماندا ئارىسىدىكى مۇسابىقىدە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا كوماندىسى بىلەن جەڭگە چۈشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى