خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ئاۋىستىرالىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى «Qantas» نىڭ رىم-پېرت نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ يولۇچىلىرى باشقا ئۇچۇشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئاۋىستىرالىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى «Qantas» نىڭ بوئېڭ 787 درىملىنېر (Boeing 787 Dreamliner) تىپلىق ئايروپىلانى، قاندالا (چۇسا) بېسىۋېلىش سەۋەبىدىن نۆۋەتچى ئۇچۇشتىن توختىتىلدى.

«سىدنېي سەھەر خەۋەرلىرى گېزىتى» (Sydney Morning Herald) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۈمە كۈنى پېرتتىن رىمغا تەخمىنەن 17 سائەت داۋاملاشقان ئۇچۇشتا بەزى يولۇچىلار قاندالا (چۇسا)  تەرىپىدىن چېقىۋېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

يولۇچىلارغا قىچىشىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن دورا بېرىلگەنلىكى، ئەمما دورىلارنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەزكۇر شىركەت شەنبە كۈنى ئۇچۇشى پىلانلانغان رىم-پېرت سەپىرىنىڭ، ئادەتتىكى بۆلۈمدىكى بەزى ئورۇندۇقلاردا مەسىلە بايقالغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئايروپىلان ئەتراپلىق تازىلاش ۋە ئاسراش رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەتتىن توختىتىلدى.

«Qantas» شىركىتى يولۇچىلاردىن كەچۈرۈم سوراپ، تەسىرگە ئۇچرىغان يولۇچىلارنى ياتاق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ۋە 48 سائەت ئىچىدە باشقا ئۇچۇشلارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاندالا (چۇسا) قاتناش ساھەسىنى ئاقساتماقتا

كىچىك ۋە قانىتى يوق پارازىتلاردىن بولغان قاندالا (چۇسا)  لار كىيىم-كېچەك، ئۆي جاھازلىرى ۋە ياتاق بۇيۇملىرىدا ياشىيالايدۇ. ئۇلارنىڭ چېقىشى قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى بىلەن ئادەتتە تېخىمۇ ئېغىر سەھىيە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. لېكىن بۇ ھاشاراتلاردىن قۇتۇلۇش تەس بولۇشى مۇمكىن.

قاندالا (چۇسا)  لار قاتناش ساھەسىدە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ توسالغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئەنگلىيەدە ئىككى ھەپە ئىلگىرى بەزى پويىز سەپەرلىرى، شوپۇرلار بۆلۈمىدە قاندالا (چۇسا)  بايقىلىشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ئىران: ئۇرۇش ۋە ئېمبارگولارغا قارىماي 5 مىليون 140 مىڭ توننا نېفىت مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىندى
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى