ئىران لارىجانىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىران خەۋپسىزلىك مەسئۇلى لارىجانى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

By
لارىجانى ئىران سىياسىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس بولۇپ، ئۆتكەن قىرىق يىلدا بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. رويتېرس. / Reuters

ئىران ئارمىيە باش قوماندانى: «ئىراننىڭ ئالىي مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى باشلىقىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قايتۇرىدىغان جەۋابى كەسكىن ۋە پۇشايمان قىلدۇرغۇدەك بولىدۇ» دېدى.

ئىران ئارمىيە باش قوماندانى ئەمىر ھاتامى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەلى لارىجانىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈستىدە توختالغاندا، ئىراننىڭ «كەسكىن ۋە پۇشايمان قىلدۇرغۇدەك» ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاتامى چارشەنبە (2026-يىلى 18-مارت) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىراننىڭ ئالىي مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى لارىجانىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قايتۇرىدىغان جەۋابى كەسكىن ۋە پۇشايمان قىلدۇرغۇدەك بولىدۇ» دېدى.

ئىران ئارمىيەسىدىن ئايرىم بولغان كۈچلۈك ھەربىي كۈچ — ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «شېھىت دوكتور ئەلى لارىجانى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ قان قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن» ئىسرائىلىيەنىڭ مەركىزىي قىسىملىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا لارىجانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ھۇجۇمدا ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭمۇ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىران ئالىي مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى لارىجانىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

لارىجانى ئىران سىياسىي ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس بولۇپ، ئۆتكەن 40 يىل مابەينىدە دۆلەت تاراتقۇلىرى، خەۋپسىزلىك ئاپپاراتلىرى ۋە پارلامېنت قاتارلىق ئورۇنلاردا بىر يۈرۈش يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

-1957يىلى 3-ئىيۇن ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىدە تۇغۇلغان لارىجانى، شەرىف تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر ئىلمى بويىچە تولۇق كۇرسنى تاماملىغان، تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.