تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ب د ت دا: غەززە — ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر «سىگنال»
تۈركىيە ب د ت دا غەززەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر «سىگنالى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ب د ت دا: غەززە — ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر «سىگنال»
غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ئاتالمىش سېرىق رايون ئىچىدىكى شۇجائىيە مەھەللىسىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بىنالارنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن، قېلىن ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلدى. / AA

ئەنقەرە ۋەكىلى خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان «ئېغىر قانۇنسىزلىقلار»نىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى ۋە ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى مەسلىھەتچىسى گۈلشاھ جۇمۇرجۇ كادەر، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىدىكى ئېغىر ۋەھشىيلىكلەرگە» شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ غەززە ۋەزىيىتىنىڭ بۇ خىل ئېغىر خەلقئارالىق جىنايەتلەرنىڭ قايتىلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدىغان روشەن ئەسلەتمە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كادەر سۆزىدە: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە چوڭ قىرغىنچىلىق (Holokost) تىن كېيىن بېرىلگەن ‹قايتا تەكرارلانمىسۇن› (Never Again) ۋەدىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانىغا سىڭىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، خەلقئارا جەمئىيەت بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىدىكى ۋەھشىيلىكلەرگە شاھىت بولماقتا» دېدى.

كادەر بۇ سۆزلەرنى، خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇلۇغلاش كۈنىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا قىلدى.

ئۇ غەززەنىڭ «ئېچىنىشلىق بىر ئەسلەتمە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش» رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى، شۇڭا «ئۆتمۈشنىڭ پاجىئەلىك ساۋاقلىرى بۈگۈنكى تىرىشچانلىقلارغا يۆنىلىش بېرىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا قانۇننىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاساس قىلىش زۆرۈرىيىتىنى تىلغا ئالغان كادەر، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنى تار دائىرىدىكى قانۇنىي ئۇقۇم سۈپىتىدە قوللىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئىچكى سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنغا ۋە ھوقۇقلۇق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارارلىرىغا زىت شەكىلدە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە ۋەكىلى دۆلەتلەرنى بۇ ئاتالغۇدىن سىياسىي غەرەزدە پايدىلىنىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى. شۇنداقلا دۇنيادا «ئىرقىي كەمسىتىش، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك، ئىسلام دۈشمەنلىكى، ئايرىمىچىلىق ۋە باشقىلارغا كەڭ قورساق بولماسلىق» قاتارلىق خاھىشلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئۇ يەنە: «غەززەدە بىز كۆرۈۋاتقاندەك ئېغىر خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ھەرگىزمۇ جازاسىز قالماسلىقى كېرەك» دېدى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا «بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى» نىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ب د ت سىستېمىسى ئىچىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ماسلىشىشنىڭ «قەتئىي تەكرارلانمىسۇن» ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
خاقان فىدان: خەلقئارالىق تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە تەشەببۇسىنىڭ ۋاقتى كەلدى
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە
«خەلقئارا تۈزۈمدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» مۇزاكىرە قىلىندى
تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان: «خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»
تۈسەب (TÜSEB) ئەزىز سانجار ئىلىم-پەن، خىزمەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى
تۈركىيە فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنى ب د ت باش كاتىپلىقىغا نامزات كۆرسەتتى
تۈركىيە ئەنقەرەدىكى باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتمەكچى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 103 ياشقا كىردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىك سۆزى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ئىران - تۆت تەرەپ يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا
تۈرك دۆلەتلىرى ئەنقەرەدە يېزا ئىگىلىكىدىن ئالەم بوشلۇقىغىچە ھەرخىل ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ