ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدىئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تۈركىيەگە CAATSA دائىرىسىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئىجابىي سىگنال بەردى، ئەمما ھازىرچە بىرەر قارار ئېلان قىلمىدى.

ترامپ ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىكىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ھەمىشە سۆھبەتلىشىپ تۇرىمەن. سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، ئۇ مېنىڭ دوستۇمدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر دائىم ئىجابىي ساقلاشنى خالايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ ئىيۇل ئېيىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئەنقەرەنىڭ «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى «قەتئىي» ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «س - 400» تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىدىن كېيىن، 2019-يىلى ئەنقەرەنى «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ