خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
خۇسىيلار مەككەنى نىشان قىلغانلىقىغا توغرىسىدىكى دەۋالارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

يەمەندىكى خۇسىيلار، سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە بىر F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى، X  ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە بىر F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ مارىب ئۆلكىسى ئاسمىنىدا يەرلىك ئىشلەپچىقىرىلغان، قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەھيا سەرى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن رايونغا كەلگەن باشقا F-15 ۋە تايفۇن (Typhoon) تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭمۇ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە رايوندىن يىراقلىشىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە يەمەننىڭ تائىز، لاھىج، جەۋف، ھەججە، مارىب، سادا ۋە بەيدا ئۆلكىلىرىگە سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە «F-15» ۋە «Typhoon» تىپلىق ئايروپىلانلار بىلەن 450 قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان يەھيا سەرى، يەمەن ئاسمىنىنىڭ ھەرخىل دەخلى-تەرۇز ۋە ھۇجۇملارغا قارشى تاقاقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇسىيلاردىن مەككە باياناتى

سەرى يەنە بىر تەرەپتىن مەككەنى نىشان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردا پەقەت نېفىت ئەسلىھەلىرى ۋە ھەربىي بازىلارنىلا نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن سەرى، مۇقەددەس جايلاردىن پۈتۈنلەي يىراق تۇرىدىغان بىر ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى