خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك-ئامېرىكا تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى تۈركىيەگە F-35 سېتىشنى قوللاشقا چاقىردى
يەتتە تۈرك-ئامېرىكا تەشكىلاتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، تۈركىيەگە F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى سېتىشنى قوللاشقا ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا قويۇلغان توسالغۇلارنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
تۈرك-ئامېرىكا تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى تۈركىيەگە F-35 سېتىشنى قوللاشقا چاقىردى
بۇ مەكتۇپ 7-ئايدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 50 دىن ئارتۇق ئەزاسىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن. / AFP Archive

يەتتە تۈرك-ئامېرىكا تەشكىلاتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 50 تىن ئارتۇق ئەزاسىغا مەكتۇپ يوللاپ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن داۋاملىق پايدىلىنىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەكتۇپتا: «75 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ناتو ئىتتىپاقدىشى، شۇنداقلا ئالدىنقى سەپتىكى بىخەتەرلىك ۋە دىپلوماتىك شېرىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن داۋاملىق پايدىلىنىشى ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. شۇڭا، ئامېرىكانىڭ F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى تۈركىيەگە سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك كۈتۈپ تۇرغان قارارلارنى قوللىشىڭلارنى، بۇ ھەمكارلىققا قويۇلغان زۆرۈر بولمىغان جازا ۋە توسالغۇلارنى بىكار قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلىمىز» دېيىلدى.

مەكتۇپتا يەنە: «بۇ سېتىشنى قوللاش — ناتو ئىچىدىكى ماسلىشىش، رايون مۇقىملىقى ۋە ئەمەلىي قىممىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە سېلىنغان مەبلەغدۇر» دېيىلىپ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مەكتۇپقا تۈرك-ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى، تۈرك-ئامېرىكا ئىتتىپاقى، تۈرك-ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى، تۈرك-ئامېرىكا مىللىي يېتەكچىلىك كومىتېتى، ئامېرىكا مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، جەنۇبىي رايون تۈرك-ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى ۋە ASKON USA  ئىمزا قويغان.

تەشكىلاتلار ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 1831-يىلىغا تۇتىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ 1952-يىلى ناتوغا كىرگەندىن بۇيان رەسمىي شەرتنامىلىك ئىتتىپاقداش بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. مەكتۇپتا تۈركىيەنىڭ «ئىتتىپاقنىڭ شەرقىي جەنۇب چېگراسىنى مۇستەھكەملىگەنلىكى ۋە ئىستانبۇل بوغۇزى بىلەن چاناققەلئە بوغۇزىنى كونترول قىلىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.

«رايونلۇق ئىجابىي رول ئوينىغۇچى»

مەكتۇپتا يەنە، ئىنجىرلىك قاتارلىق تۈركىيەدىكى ھەربىي بازىلارنىڭ دائېشنى مەغلۇپ قىلىشتا «كەم بولسا بولمايدىغان» زۆرۈر روللارنى ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شۇنداقلا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا «رايونلۇق ئىجابىي رول ئوينىغۇچى» ئىكەنلىكى، سۈرىيەدىكى مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىغىمۇ قاتنىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

مەزكۇر مەكتۇپ 7-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 50 تىن ئارتۇق ئەزاسىغا يەتكۈزۈلگەن.

ئامېرىكا 2019-يىلى تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىغا قارشى چىققاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ F-35 پىروگراممىسىدىكى شېرىكچىلىكىنى توختاتقان. ئامېرىكا تەرەپ S-400 سىستېمىسىنىڭ F-35 ئايروپىلانلىرىغا بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە ناتو سىستېمىلىرى بىلەن ماسلىشالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيە بولسا، ئىككى سىستېما ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يوقلۇقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كومىتېت قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان.

ئۆتكەن ئايدا ناتو باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەنقەرەنىڭ F-35 سېتىۋېلىشىغا يول قويۇش مەسىلىسىنى «ئەلۋەتتە» ئويلىشىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەگە قويۇلغان CAATSA جازالىرىنى بىكار قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىزدىنىڭ
خىتاي ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە، سودا سوممىسى كۆپەيمەكتە، قىزىل رەقەم ئاشماقتا
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى