خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سىكورسكىي: رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن چېگراغا تاجاۋۇز قىلىپ ناتونى سىناۋاتىدۇ
پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رادوسلاۋ سىكورسكىي ترامپنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ پولشا ھاۋا بوشلۇقىغا «خاتالىق» بىلەن تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىنى رەت قىلدى.
سىكورسكىي: رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن چېگراغا تاجاۋۇز قىلىپ ناتونى سىناۋاتىدۇ
/ Reuters

پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رادوسلاۋ سىكورسكىي ترامپنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ پولشا ھاۋا بوشلۇقىغا «خاتالىق» بىلەن تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىنى رەت قىلىپ، يەتتە سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن 19 قېتىملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تاجاۋۇزىنىڭ تاسادىپىي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رادوسلاۋ سىكورسكىي ئۆتكەن ھەپتە پولشا ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىر ئۇرۇشنى نىشانلىمىغان تەقدىردىمۇ، ناتونىڭ ئىنكاسىنى سىناش مەقسىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

سىكورسكىي ئەنگلىيەنىڭ «گۇاردىيان گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە: «قىزىقارلىق يېرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولدى. بۇ ماڭا رۇسىيە بىر ئۇرۇش قوزغىماستىن بىزنى سىناپ باقماقچى بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سىكورسكىي 19 غا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن پەقەت ئۈچ ياكى تۆتىنىڭلا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ: «ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى نىشانىغا يېتەلمىدى ۋە مال-مۈلۈكلەرگە كىچىك دائىرىدە زىيان سالدى، ھېچكىم يارلانمىدى. ئەگەر بۇ ۋەقە ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن بولسا، ئۇكرائىنانىڭ ئۆلچىمى بويىچە %100 مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارالغان بولاتتى» دېدى.

سىكورسكىي ئەگەر ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن تەقدىردە، ۋارشاۋانىڭ ئىنكاسىنىڭ «تېخىمۇ قاتتىق» بولىدىغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

خاتالىق ئەمەس

سىكورسكىي ترامپنىڭ «رۇسىيەنىڭ دەخلى-تەرۇزلىرى خاتالىق بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزىنى قەتئىي رەت قىلدى.

سىكورسكىي: «بىر ياكى ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ نىشاننى خاتا ئېلىشىغا ئىشەنگىلى بولىدۇ، لېكىن بىر كېچىدىلا يەتتە سائەت ئىچىدە 19 قېتىم خاتالىق يۈز بېرەمدۇ؟ كەچۈرۈڭ، مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن» دېدى.

رۇسىيە تەرەپ پولشاغا قەستەن بىئارامچىلىق سېىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلدى.

سىكورسكىي «X» سۇپىسىدىكى ئۇچۇرىدا موسكۋانى زىددىيەتلىك باياناتلارنى ئېلان قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ: «رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ تاسادىپىي ھالدا پولشا ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى رۇسىيە ئۇچقۇلىرىنىڭ فىزىكىلىق جەھەتتىن پولشاغا يېتىپ بارالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. قايسى رۇس يالغانچىلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك؟» دەپ سورىدى.

ناتو جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي قاناتقا تېخىمۇ كۆپ كۈرەشچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى