غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە تىنچلىق پىلانىدىن كېيىن غەززەدىكى 3 ھەربىي بازىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقچى
KAN تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى ۋاشىنگتونغا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە چېگراسى ئىچىدە، مىسىر چېگراسىدىكى فىلادېلفىيە كارىدورى ۋە تەل ئەل-مانتار ئېگىزلىكىنى داۋاملىق ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئىسرائىلىيە تىنچلىق پىلانىدىن كېيىن غەززەدىكى 3 ھەربىي بازىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقچى
ئىسرائىلىيە تىنچلىق پىلانىدىن كېيىن غەززەدىكى 3 ھەربىي بازىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقچى / AA

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى KAN نىڭ شەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە پىلانى دائىرىسىدە تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ۋە ئارمىيەنىڭ باسقۇچلۇق چېكىنىشىدىن كېيىنمۇ، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۈچ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋەردە، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ پىلاننىڭ تەپسىلاتىنى ۋاشىنگتونغا يەتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ پىلان غەززە چېگراسى ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى ۋە كۆلىمى ئېنىق بولمىغان بۇففېر رايوندا، مىسىر چېگراسىدىكى فىلادېلفىيە كارىدورىدا ۋە غەززەنىڭ شۇجائىيە مەھەللىسىنىڭ شەرقىدىكى تەل ئەل-مانتار ئېگىزلىكىدە ئورۇنلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەل ئەل-مانتار دېڭىز يۈزىدىن 70 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، ئىسرائىلىيەگە غەززەنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلار، غەززە شەھىرى ۋە جەبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىنى كەڭ دائىرىدە كۆرۈش ۋە ئوق ئېتىش ئارقىلىق كونترول قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. KAN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە بۇ ئورۇنلارنى «مەيداندىكى ئۈستۈنلۈك ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ قارايدۇ. تاراتقۇ يەنە ۋاشىنگتوننىڭمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايونلاردا ئەسكەر تۇرغۇزۇش «ئېھتىياجىغا توغرا چۈشىنىش بىلەن قارايدىغانلىقىنى» قوشۇمچە قىلغان.

پىلاندا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بارلىق تۇتقۇنلارنى قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن توقۇنۇش رايونلىرىدىن چېكىنىشكە باشلايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. بىرىنچى باسقۇچتا، ئارمىيە غەززە ئىچىدىكى «سېرىق سىزىق» نى بويلاپ ۋاقىتلىق قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن «قىزىل سىزىق» قا چېكىنىدۇ؛ بۇ جەرياندا، ئامېرىكانىڭ ھوقۇق بېرىشى ئاستىدىكى چەت ئەل قىسىملىرىمۇ بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

KAN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخىرقى باسقۇچتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ «كەلگۈسىدىكى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» مەقسىتىدە غەززە چېگراسىنى بويلاپ ئورۇنلىشىشى ۋە فىلادېلفىيە كارىدورى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنى داۋاملىق كونترول قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump says Gaza ceasefire to be 'immediately effective' when Hamas confirms

ترامپنىڭ تىنچلىق پىلانى

مىسىر، شەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ترامپنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش تەپسىلاتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ۋە ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ، جۈمە كۈنى «Truth Social» سۇپىسىدا ھاماسنىڭ «مەڭگۈلۈك تىنچلىققا تەييار» ئىكەنلىكىنى ئويلايدىغانلىقىنى يېزىپ، ئىسرائىلىيەنى «تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى دەرھال توختىتىش» قا چاقىردى. ئەمما شەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «ھاماس ماقۇللىغان ھامان» دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ، 29-سېنتەبىردە 20 ماددىلىق پىلانىنى ئېلان قىلدى. بۇ پىلان ئىسرائىلىيەنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەل ئاۋىۋ، غەززەدە 20 نەپىرى ھايات بولۇپ، جەمئىي 48 ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە كۆپىنچىسى قىيىن-قىستاق، ئاچارچىلىق ۋە داۋالاشقا سەل قاراشقا دۇچ كېلىۋاتقان تەخمىنەن 11100 پەلەستىنلىك مەھبۇسنى تۇتۇپ تۇرماقتا. پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ھازىرغا قەدەر قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 67 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن.

ئىسرائىلىيە، رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيرانىلىققا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە پۈتۈن ئاھالىنى دېگۈدەك يۇرت-ماكانىدىن ئايرىغان.

ئىزدىنىڭ
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
قىرغىزىستان تۇنجى مىللىي سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەدىنەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى