ھىندونېزىيە ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى چەكلەش قارارىنى ئاقلىدى
ھىندونېزىيە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى چەكلەش قارارىنى ئاقلىدى.
پەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئېرىك توھىر بايانات بېرىپ، ھىندونېزىيەنىڭ ئىسرائىلىيەلىك گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ جاكارتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش قارارىنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، بۇ قارارنىڭ جامائەت تەرتىپىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
توھىرنىڭ باياناتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (IOC) نىڭ بارلىق خەلقئارالىق تەنھەرىكەت بىرلەشمىلىرىگە ھىندونېزىيەدە پائالىيەت ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا قارىتا بېرىلگەن جاۋاب ھېسابلىناتتى.
كومىتېت يەنە ئىلگىرى 2036-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھىندونېزىيە بىلەن بولغان بارلىق ئولىمپىك نامزاتلىقى سۆھبەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
«بىز ھەر بىر خەلقئارالىق پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغاندا بىخەتەرلىكنى، جامائەت تەرتىپىنى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىمىز» دېگەن توھىر، بۇ پىرىنسىپنىڭ ھىندونېزىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
دۇنيادىكى مۇسۇلمان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغان ھىندونېزىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئىسلام ئۆلىمالار كېڭىشىنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى.
جاكارتا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنىڭ ئىسرائىلىيە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانغا قەدەر مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش توغرىسىدىكى ھىندونېزىيە سىياسىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
توھىر ھىندونېزىيەنىڭ ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولسا، ھېچقانداق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئولىمپىك ياكى ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پائالىيەتلىرىگە ياكى ئولىمپىك بايرىقى ئاستىدىكى باشقا تەشكىلاتلارغا ساھىبخانلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىراق مىنىستىر ھىندونېزىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە تۈرلۈك تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىدە داۋاملىق ئاكتىپ رول ئويناش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.