ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى 25 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئامېرىكا زىيارىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
16-سېنتەبىر دەمەشقتە سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ساپادى ۋە ئامېرىكا ۋەكىلى بارراك كېلىشىمىگە قول قويدى. / TRT World
2025-يىلى9-ئاينىڭ19-كۈنى

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانىنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتى، يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى بولۇپ، دەمەشىق ئامېرىكا ئېمبارگوسىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشتى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋاشىنگتوندا سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«مىنىستىرلىق تېررورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە قارشى تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بىخەتەر ھالدا يەر شارى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  سۈرىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ.»

يىغىنغا، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى توم بارراك، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا سىياسىي ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى قۇتەيبە ئىدلبي ۋە شەيبانى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشقا ئەزالىرى قاتناشتى.

بۇ زىيارەت سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ 25 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئامېرىكا بولۇپ زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Syria’s top diplomat to push for US sanctions relief in rare Washington visit

ئېمبارگو توغرىسىدىكى سۆھبەتلەر

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتە سۈرىيەگە قويۇلغان «قەيسەر ئېمبارگوسى» نى ئۇزۇن مۇددەت ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇزاكىرە قىلىندى.

دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پېشقەدەم كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېئاننې شاخېن (Jeanne Shaheen)، شەيبانى ۋە بارراك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئىككى پارتىيە قانۇن چىقارغۇچىلار گۇرۇپپىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلار كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن روگېر ۋىكېر (Roger Wicker)، كىرىس كونس (Chris Coons)، جونى ئېرنىست (Joni Ernst)، جەككى روسېن (Jacky Rosen)، ماركۋاين مۇللىن (MarkwayneMullin)، رىچارد بلۇمېنتال  (Richard Blumenthal) ۋە ئاندى كىم (Andy Kim) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

جېئاننې شاخېن گۇرۇپپىنىڭ «ئامېرىكا بىلەن سۈرىيەنىڭ مۇقىم، ئىقتىسادىي گۈللەنگەن سۈرىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق مەنپەئەت ۋە رايون مۇقىملىقى نۇقتىسىدىن مۇھىملىقى» نى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.


«قەيسەر قانۇنى» توغرىسىدىكى مۇنازىرە

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئېمبارگولارنىڭ سۈرىيە ئىقتىسادى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغلەرنىڭ سېلىنىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شاخېن: «سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادى كىرىزىسقا پېتىپ قالدى، ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن مالىيە ياردىمىگە ئېھتىياجلىق. »

«ئەگەر بىز ھەرىكەتكە ئۆتۈشتە كېچىكسەك، سۈرىيە خەلقىنى قايتا توقۇنۇشقا پاتۇرۇپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىمىز. بۇ رۇسىيە بىلەن ئىراننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ھازىر كېڭەش پالاتاسىنىڭ قەيسەر قانۇنى ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېدى.

ئېمبارگولارنىڭ كۆپىنچىسى بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان2019-يىلدىكى «قەيسەر سۈرىيە پۇقرالارنى قوغداش قانۇنى» دىن كەلگەن.


ب د ت دىكى پاراللېل تەرەققىياتلار

تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى ئەھمەت يىلدىز ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە توغرىسىدىكى يىغىنىدا ئوخشاش ئەندىشەسىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «سۈرىيەدىكى يېڭى دەۋر ئۇنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكى ئاساسىدا، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىنى ماختىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى (2024) دېكابىردىن بۇيان، چوڭ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرلىرى ئاللىبۇرۇن يولغا قويۇلدى، دۆلەتتە توك بىلەن تەمىنلەش شارائىتى ياخشىلاندى.»

يىلدىز يەنە دەمەشقنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قايتا ئالاقە باغلىشى «مۇقىم ۋە ئىجابىي يولدا» ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن بارلىق ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US lifting sanctions on Syria a ‘huge gain for humanity’ – Turkish Finance Minister

ئىزدىنىڭ
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: تۈنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بار
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئامېرىكالىق سېناتور ئېلىسا سلوتكىن بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشىنى «قانۇنىي قوغدىنىش» دېدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
ئىران موسساد جاسۇسى دېگەن جىنايەت بىلەن بىر كىشىنى دارغا ئاستى
ترامپ گىرېنلاندىيەنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تاللاشلار ئۈستىدە ئۇيلاشماقتا
سۈرىيە SDG تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەلەب ئايرودرومىدا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى
مېكسىكا پىرېزىدېنتى ۋېنېزۇئېلادىكى ئامېرىكا ھەربىي مۇداخىلىسىنى ئەيىبلىدى
بەلۇجىستان ۋە خەيبەر پاختونخۋادا مەيدانغا كەلگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلۈپ، 25 كىشى يارىلاندى