خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ / AA

ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرىلەشمەكتە ۋە ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھاۋا مۇداپىئە ۋە مالىيە ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا دائىر ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، دىپلوماتلىرىنىڭ كىيېۋدا تۇرىۋېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا كومىتېتى باياناتچىسى ئانىتتا خىپپېر، بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى، كىيېۋدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ۋە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ تەھدىتلەردىن ئامالسىزلىق پۇرىقى كەلمەكتە» دېدى.

خىپپېر: «رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە باشقا جايلاردا قورقۇنچ ۋە ېتىم قىلىشنى يارىتىشنى خالايدۇ، لېكىن ئۇچۇرىمىز ئېنىق: بۇ ئىشقا يارىمايدۇ»، دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاسنىڭ باياناتلىرىنى تەكرارلىغان خىپپېر، رۇسىيەنىڭ «مەيداندا ئۇتتۇرۇۋاتقانلىقىنى» ۋە يەنە بىر قېتىم پۇقرالارنى ۋە ھەربىي بولمىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

خىپپېر، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۇكرائىنا، كىيېۋ خەلقى ۋە مەيداندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتى ئۈچۈن «ئەپسۇسكى كۈندىلىك بىر رېئاللىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «پەرۋاسىز ھۇجۇملار» دەپ سۈپەتلىگەن رۇسىيە ھۇجۇملىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالار ۋە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ نىشانغا ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«تولۇق پەرۋاسىزلىق»

خىپپېر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى ئەھۋاللار سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ مۇۋەققەت ئىشلار ۋەكىلىنى تاشقى ئىشلارغا چاقىرغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.

باياناتچى ۋەقەنىڭ رۇسىيەنىڭ «تىنچلىققا قەتئىي قىزىقمايدىغانلىقىنى» ۋە داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قاراتقان «تولۇق پەرۋاسىزلىق» كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىپپېر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھاۋا مۇداپىئە ياردىمى ۋە مالىيە ياردىمى بىلەن مەدەت بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان غەيرىي رەسمىي يىغىنىدا رۇسىيە ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە، دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي سانائىتى بىلەن ئالاقىدار ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان «سىستېمىلىق ھۇجۇملار» دىن بۇرۇن كىيېۋ ئاھالىلىرىگە، دىپلوماتلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، شەھەرنى «مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە» تاشلاپ چىقىپ كېتىش چاقىرىقى  ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى لۇھانسىك رايونىدا 21 كىشى ئۆلگەن ئۇكرائىنا ھۇجۇمى دەپ سۈپەتلىگەن ۋەقەدىن كېيىن، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى ۋە كوماندانلىق مەركەزلىرىنى نىشانلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئۇكرائىنا بولسا دەۋالارنى رەت قىلىپ، ئۇكرائىنا كۈچلىرىنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى دائىرىسىدە پەقەت ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنىلا ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Zelenskyy calls Ukraine's EU associate plan 'unfair' over voting rights
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى