ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې رۇسىيەنىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىرىغا قاراتقان ئارىلاشما ۋە تور ھۇجۇملىرىغا قارشى زۆرۈر تەييارلىقلارنى قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «زۆرۈر تېپىلغاندا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز. ئەگەر رۇسىيە ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەخمەقلىق قىلسا، ئۇ چاغدا بىزنىڭ زادى نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر» دېدى.
مارك رۇتتې ئېستونىيەنىڭ پايتەختى تاللىندا باش مەنىستىر كرىستېن مىچال بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ رۇسىيە بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئارىلاشما ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىشى، موسكۋانىڭ ياۋروپاغا قارشى «كۆلەڭگە ئۇرۇشى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئىرانغا ئوخشاش «تېررورىزمنى قوللىغۇچى» دەپ ئاتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ناتونىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قارشى تەييارلىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.
رۇتتې رۇسىيەنىڭ مەقسىتى ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنى تەشۋىشكە سېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە بىزنىڭ كۈن بويى بۇلارنى سۆزلىشىمىزنى، ئەنسىرىشىمىزنى ۋە بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشىمىزنى خالايدۇ. بىز ئۇلار دېگەندەك قىلمايمىز، ئەمما زۆرۈر تېپىلغاندا جاۋاب قايتۇرىمىز. شۇنىمۇ ئېيتىپ قويايكى، قايتۇرىدىغان جاۋابىمىز ھەمىشە ئاشكارا بولۇۋەرمەيدۇ» دېدى.
«ناتو زېمىنىنىڭ ھەر بىر غېرىچىنى قوغدايمىز»
رۇسىيەنىڭ ناتو زېمىنىغا قاراتقان تەھدىتلىرى ھەققىدە توختالغان رۇتتې، نۆۋەتتە ناتو زېمىنلىرىغا قارىتا جىددىي بىر تەھدىت كۆرمەيۋاتقانلىقىنى، بىراق ھەرقانداق ھەربىي يىغىلىشقا قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ناتونىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە پىلانىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان باش كاتىپ: «شەرقىي قانىتىمىزغا ماس قەدەملىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالدىنقى سەپ قۇرۇقلۇق كۈچلىرىمىز بار. شۇڭا بىز بېرىدىغان سىگنال ئېنىق» دېدى.
مارك رۇتتې سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ناتونىڭ بىر مۇداپىئە ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى، رۇسىيە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە ناتونىڭ ئۆزىنى قوغداشقا تولۇق قادىر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.


















