ترامپ ئۇكرائىنادىن رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ھالەتنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى
دونېتسىك ۋە لۇگانسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دونباس رايونى 2014-يىلدىن بۇيان توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنانىڭ «جەڭ لىنىيەلىرىدىكى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ»، رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ترامپ، كىيېۋنىڭ ھازىرقى تېررىتورىيەلىك ئەھۋالنى كەلگۈسى سۆھبەتلەر ئۈچۈن ئاساس قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
يەكشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتىپ كېلىۋېتىپ مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ترامپ، جۈمە كۈنى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بىلەن «سەمىمىي» بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە كىيېۋغا دونباس رايونىنىڭ ھەممىسىنى موسكۋاغا بېرىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
«ياق، بىز بۇنى ھېچقاچان مۇزاكىرە قىلمىدۇق» دېگەن ترامپ: «ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، پەقەت ھازىرقى جەڭ لىنىيەلىرىدە توختاش» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ترامپ، دونباس رايونىدا «تېررىتورىيەنىڭ %78 ىنىڭ ئاللىبۇرۇن رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ بولغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنانىڭ «كېيىنچە بىر نەرسىلەرنى سۆھبەتلىشەلەيدىغانلىقى»نى، ئەمما ھازىر قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
دونباس رايونى دونېتسىكى ۋە لۇگانسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يەر بولۇپ، 2014-يىلدىن بۇيان توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ مەزگىلدە، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىگىلىۋېلىشىدىن كېيىن رۇسىيە قوللاۋاتقان بۆلگۈنچىلەر مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئىدى.
رۇسىيە 2022-يىلى فېۋرالدا باشلىغان «ئالاھىدە ھەرىكىتى» دىن كېيىن، رايوندىكى كونتروللۇقىنى كېڭەيتىپ، دونباسنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلىۋالدى.