ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 15 كىشى ئۆلدى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 17 كىشى يوقاپ كەتتى.
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 15 كىشى ئۆلدى
/ Reuters

ئالاقىدار تارماقلار  پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە خەيبەر پاختونخوا ئۆلكىسىنىڭ باجائۇر رايونىدا سەككىز، مانسېخرا رايونىدا ئىككى ۋە تۆۋەنكى دىر رايونىدا بەش كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىنىڭ پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا تالاپەت يەتكۈزگەنلىكىنى، ئاپەت نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 15 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 17 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەيبەر پاختونخوا قۇتقۇزۇش ئىدارىسى 1122 ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارا يامغۇر ۋە يېغىن سەۋەبىدىن باجائۇر رايونىنىڭ تەھسىل سالارزاي قىسمىدا كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا ھازىرغىچە سەككىز كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 17 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

 قۇتقۇزۇش ئىدارىسى 1122 نىڭ رايونلۇق مەسئۇلى ئەمجىد خان مۇنداق دېدى:

«يارىلانغانلار يەرلىك دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.»

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۆۋەنكى دىر رايونىنىڭ سورى پاۋ قىسمىدا قارا يامغۇردىن كېيىن بىر ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، تۆت كىشى يارىلاندى.

خەيبەر پاختونخوا ئۆلكىسىنىڭ مانسېخرا رايونىدا بىر ماشىنا كەلكۈن ئاپىتىدە غەرق بولۇپ كەتتى؛ ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يارىلاندى.

شۇنىڭ بىلەن، 26 – ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈلكۈن ئاپەتلىرىدە پاكىستان مىقياسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 328 گە يەتتى.

پاكىستان دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈلكۈن ئاپەتلىرىدە 740 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان شەرقتىكى پەنجاپ ئۆلكىسىدە 164 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 582 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

قارا يامغۇر خەيبەر پاختونخوا ۋە گىگىت بالاتىستان رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دائىرىلەر ئوخشىمىغان رايونلاردا قاپسىلىپ قالغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، ئىيۇندىن سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان پەسىللىك يامغۇر پاكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيادا دائىم دېگۈدەك ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولىدىكەن. كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يېقىنقى يىللاردا بۇ يامغۇرلار مۆلچەرلىگۈسىز شەكىلدە تېخىمۇ كۆپ يېغىشقا باشلىغان.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ