خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بوشەھر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران دائىرىلىرى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21:08 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ ھېچقانداق تېخنىكىلىق زىيان ياكى تالاپەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى ۋە ئەسلىھەنىڭ بارلىق بۆلەكلىرىنىڭ ساق قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بوشەھر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەنى بۇشېھىر يادرو ئەسلىھەسى ئەتراپىدا ھۇجۇم قىلغانلىقتا ئەيىبلەيدۇ [ھۆججەت]. / Reuters

ئىران يادرو ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بوشەھر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى،  ئىستانسا تەۋەلىكىگە چۈشكەن بىر دانە بومبىنىڭ ھېچقانداق زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى  ئۇقتۇردى.

ئىران دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ مەزكۇر ئورگاننى مەنبە كۆرسىتىپ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەرلىك ۋاقىت سائەت 21:08 (GMT 17:38) ئەتراپىدا جەنۇبتىكى بوشەھر شەھىرىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يېقىن بىر جاي ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

مەزكۇر ئورگان بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا-زىئونىست دۈشمەن كۈچلىرى بوشەھر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى رايونىغا قايتا ھۇجۇم قىلدى. بوشەھر ئىستانسىسىنىڭ ئىچىگە بىر بومبا چۈشتى» دېدى.

باياناتتا يەنە «دەسلەپكى مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ ۋەقە ھېچقانداق ماددىي ياكى تېخنىكىلىق زىيان ۋەياكى تالاپەت كەلتۈرۈپ چىقارمىدى، ئىستانسىنىڭ تۈرلۈك بۆلەكلىرى زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

IRNA ھۇجۇمغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان «دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرى»نىڭ بىر قىسمى دەپ باھا بەردى.

بۇ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يادرو ئەسلىھەلىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ قالدى.

شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھۇجۇم 17-مارتتىمۇ يۈز بەرگەن، ئەمما ھېچقانداق زىيان ياكى يارىلىنىش كۆرۈلمىگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى