غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
كىربى: غەززەدە قۇربان بولغان پۇقرالار سانى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» دەرىجىدە كۆپ
ئامېرىكانىڭ ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون كىربى، غەززەدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانىنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
00:00
كىربى: غەززەدە قۇربان بولغان پۇقرالار سانى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» دەرىجىدە كۆپ
جون كىربي / Demo 1

پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى چەت ئەل تاراتقۇلىرى مەركىزىدە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەت نەتىجىلىرىنى مۇھاكىمە جون كىربى، تەرەپلەرنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ناھايىتى يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

جون كىربى «بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاش نۇقتىسىدىن غەززەدە قالدۇرغان مىراسى نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلدى، بۇ يەردە ئون مىڭلىغان گۇناھسىز پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى، سىز بۇ پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشتىڭىزمۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلالمامتىڭىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى.

ئۇ غەززە مەسىلىسىدە ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى ھەر جەھەتتىن قوللىغانلىقلىرىنى ھەمدە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئازايتىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ھازىر بۇ يەردە تۇرۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتمايمەن؛ بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەقىقىي ساننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىز ئېيتقاندەك، پەرەز قىلىنغان ساندىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ سان بەك كۆپ. بىر پۇقرانىڭ قۇربان بولۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە بەك كۆپ. بىز باشتىن تارتىپ ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ قۇربانلارنىڭ سانىنى ئازايتىشقا تىرىشتۇق» دېدى.

غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىربى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسقا قارشى ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم قىلىشتىن ۋاز كېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»