ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان
بىتامب (Bithumb) شىركىتى خاتا ھالدا قىممىتى 40 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق بىت تەڭگىسى (بىتكويىن) نى تارقىتىپ قويغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ بىت تەڭگىسىدە قىسقا ۋاقىتلىق شىددەتلىك سېتىش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا 44 مىليارد دوللارلىق بىت تەڭگىسىنى ئابونتلارغا ئەۋەتىۋەتتى. رويتېرس. / Reuters

جەنۇبىي كورېيە رەقەملىك پۇل سودا سۇپىسى-بىتامب شەنبە (2026-يىلى 7-فېۋرال) كۈنى تەشۋىقات مۇكاپاتى سۈپىتىدە خاتا ھالدا ئابونتلارغا قىممىتى 40 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق بىت تەڭگىسىنى ئەۋەتىپ قويغانلىقىنى، بۇنىڭ بازارلاردا شىددەتلىك سېتىش دولقۇنىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىتامب شىركىتى جۈمە (6-فېۋرال) كۈنى يۈز بەرگەن بۇ خاتالىق ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى ۋە نۆۋەتتىكى باھاسى تەخمىنەن 44 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان 620 مىڭ دانە بىت تەڭگىسىنىڭ %99.7 نى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىركەت جۈمە كۈنىدىكى خاتا تارقىتىشتىن كېيىنكى 35 مىنۇت ئىچىدە، خاتا ھالدا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىلگەن 695 ئابونتىنىڭ سودا قىلىش ۋە پۇل چىقىرىش ھوقۇقىنى چەكلىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر سودا سۇپىسى ئەسلىدە تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھەر بىر ئابونتقا 2000 كورېيە ۋونى (تەخمىنەن 1.37 دوللار) ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا كىچىك پۇل مۇكاپاتى بەرمەكچى بولغان، ئەمما مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئۇنىڭ ئورنىغا ئاز دېگەندە 2000 دانە بىت تەڭگىسى تاپشۇرۇۋالغان.

بىتامب باياناتىدا: «بىز شۇنى ئېنىق ئېيتىمىزكى، بۇ ۋەقە سىرتقى خاككېرلىق ھۇجۇمى ياكى بىخەتەرلىككە خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز، سىستېما بىخەتەرلىكى ياكى ئابونتلارنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇشتا ھېچقانداق مەسىلە يوق» دېدى.

بىتامب دىياگراممىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۈمە كۈنى كەچتە بىتامبتىكى بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە %17 تۆۋەنلەپ 81.1 مىليون ۋونغا چۈشۈپ قالغان. كېيىن باھا ئەسلىگە كېلىپ، ئەڭ ئاخىرقى سودا باھاسى 104.5 مىليون ۋون بولغان.

بىتامب جەنۇبىي كورېيە كرىپتو ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سۇپا بولغان ئاپبىت (Upbit) تىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئىككىنچى چوڭ سۇپا ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - South Korea's Bithumb loses $32M in digital money heist, bitcoin falls
ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى