سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا «ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلغۇچىلار»غا ئاپەت ياردىمى قىلماسلىق شەرتىنى بىكار قىلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلغان تەشكىلاتلارغا بېرىلىدىغان 1 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئاپەت ياردىمىنى توختىتىش تەھدىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنى نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىشىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
ئامېرىكا «ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلغۇچىلار»غا ئاپەت ياردىمى قىلماسلىق شەرتىنى بىكار قىلدى
US backtracks on tying disaster aid to Israel boycott stance after public outcry / Reuters

ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ياكى ئىسرائىلىيە شىركەتلىرىنى بايقۇت قىلغان ئىشتاتلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كەم دېگەندە 1 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئاپەتكە تەييارلىق فوندىنى كېسىپ تاشلاش تەھدىتىدىن كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقلارغا قاراپ يېنىۋالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (DHS)، ياردەم ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىسرائىلىيە شىركەتلىرى ياكى ئىسرائىلىيە بىلەن تىجارەت قىلىدىغان شىركەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈش ھەرىكىتىنى قوللىماسلىقى كېرەكلىكىنى شەرت قىلغان تالاش-تارتىشلىق ماددىنى ئىچكى تەرتىپ-قائىدىلەرگە ئاساسەن بىكار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاپرېل ئېيىدا تۇنجى قېتىم قوشۇلغان بۇ ماددىدا، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ «ئىسرائىلىيە شىركەتلىرى ياكى ئىسرائىلىيە بىلەن تىجارەت قىلىدىغان شىركەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ياكى بۇ مۇناسىۋەتلەرنى چەكلەشنى قوللىماسلىقى كېرەك»لىكى تەلەپ قىلىنغانىدى.

بۇ ماددا، خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان 11 يېڭى فېدېراتسىيە ياردەم ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئىلگىرىكى شەرتلەرنى ئاساس قىلغانلىقىنى تەكىتلىشىدىن كېيىن، ئۈن-تىنسىزلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ ئەھۋال جامائەتچىلىكتە كۈچلۈك غەزەپ ۋە سىياسىي بېسىم ئەيىبلەشلىرىنى قوزغىدى.

ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى «X» ئىجتىمائىي سۇپىسىدىكى ئېلانىدا: «ھازىرقى ھېچقانداق ياردەم ئىلتىماس ئۇقتۇرۇشىدا ئىسرائىلىيەگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق FEMA (فېدېراتىپ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئورگىنى) شەرتى يوق. ھېچقانداق ئىشتاتنىڭ مەبلىغى كېمەيتىلمىدى ۋە ھېچقانداق يېڭى شەرت قويۇلمىدى» دەپ يازدى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە: «FEMA نىڭ ياردەم مەبلىغى سىياسىي سىناقلارغا ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتىكى قانۇن ۋە سىياسەتلەرگە ئاساسەن تەقسىملىنىدۇ» دېيىلدى.

مىنىستىرلىق يەنە: «ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى BDS (بايقۇت ، مەبلەغنى ئېلىۋېلىش ۋە جازا) ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق كەمسىتىشكە قارشى قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى، جۈملىدىن ئانتىسېمىتزىمنى ئاساس قىلغان ھەرىكەتلەرگىمۇ قارشى تۇرىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. ئىرقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار فېدېراتسىيە فوندىدىن بىر دوللارمۇ ئالماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

بىكار قىلىنغان بۇ شەرت، جىددىي يېمەك-ئىچمەك ۋە پاناھلىنىش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش، پورت بىخەتەرلىكى ھەمدە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلىق پىروگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، بۇ قارار ھەتتا ترامپنى قوللايدىغان «MAGA» گۇرۇھىنىڭمۇ قارشىلىقىنى قوزغىغانىدى.

سىياسىي ئوبزورچى كانداس ئوۋېنس «X» سۇپىسىدا: «بۇ، دوستلىرىڭىز (ئىسرائىلىيە) ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىمىغان ئامېرىكالىقلارنى مەبلەغدىن مەھرۇم قىلىش دېگەنلىك. ترامپ، نېتانياھۇ ئۈچۈن ئامېرىكاغا تامامەن خائىنلىق قىلدى» دەپ يازدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى