خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
ۋېنېزۇئېلادا 24-ئىيۇن يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 6 مىڭ 125 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
ۋېنېسۇئېلانىڭ لا گۇئايرا شەھىرىدە، يەر تەۋرەشتىن كېيىن ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ خارابىلىكى كۆرۈنمەكتە، (2026-يىلى 7-ئىيۇل، سەيشەنبە). (سۈرەت: AP)

ۋېنېزۇئېلا دۆلەت مەجلىسى باشلىقى خورخې رودرىگېز ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 579 كىشى كۆپىيىپ 6 مىڭ 125 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا، 16 مىڭ 740 قا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، ۋېنېزۇئېلا ۋاقىتلىق دۆلەت باشلىقى دېلسى رودرىگېز پايتەخت كاراكاستا قاتناشقان تۇرالغۇ ئۆي تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

يىل ئاخىرىغىچە 4 مىڭ ئائىلىگە 4 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رودرىگېز: «دېكابىر ئېيىغىچە تاپشۇرۇپ بېرىدىغان مەزكۇر 4 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆيدىن سىرت، يېڭى ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاش ئۈچۈن يەر تەكشۈرۈش خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز ۋە قۇرۇلۇش مەيدانلىرىنى تازىلاۋاتىمىز. ئۈستىگە، بۇ سانغا نۆلدىن باشلاپ پىلانلايدىغان ۋە سالىدىغان يېڭى تۈرلىرىمىز كىرمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەقسىتىمىز، بۇ قوش يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان پۇقرالىرىمىزغا خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىش، شۇنداقلا ئۇلارغا يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر. ۋاقىتلىق چېدىر شەھەرچىلەردە ۋە لاگېرلاردا قالغان ھەر بىر كىشىنىڭ، ھەر بىر بالىنىڭ ۋە ياشانغانلىرىمىزنىڭ يالغۇز قالدۇرۇلمىغانلىقىنى بىلىشىنى خالايمىز» دېدى.

ۋېنېزۇئېلادا ئىككى قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ئىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS)  24-ئىيۇن ۋېنېزۇئېلادا 39 سېكۇنت ئارىلىق بىلەن 7.2 ۋە 7.5 بال كۈچلۈكلۈكتە ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلانى(UNDP)  ئىشخانىسى 26-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان ماددىي زىيىنىنىڭ 6.7 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى