ئەنقەرەدىكى ئايروپىلان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن لىۋىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەگە كەلدى

لىۋىيە ۋە تۈركىيە ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئەنقەرەدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندا ماسلىشىپ خىزمەت قىلدى.

By
ئەنقەرەدىكى ئەجەللىك ئايروپىلان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن لىۋىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەگە كەلدى / AA

لىۋىيەدىن بىر ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى چارشەنبە كۈنى لىۋىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مۇھەممەد ئەلى ئەل-ھەدداد ۋە يەتتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەقەدە، خۇسۇسىي ئايروپىلاننىڭ خارابىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلدى.

لىۋىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئەنقەرەنىڭ ھايمانا ناھىيەسى كېسىككاۋاق مەھەللىسىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا كىچىك ئاپتوبۇس بىلەن بېرىشتىن ئىلگىرى، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

تىرىپولىغيولغا چىققان Falcon 50 تىپلىق ئايروپىلان ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودرومىدىن قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

ۋەقەدە تۆت لىۋىيەلىك ئەمەلدار ۋە ئۈچ ئايروپىلان خادىمىنى قوشقاندا، جەمئىي سەككىز كىشىنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىزدەش ۋە تەكشۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى سەھەردە ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتۇسىنى ۋە ئۇچۇش ئۆيى ئاۋاز خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسىنى تاپقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

يەرلىكايا خارابىلىك مەيدانىنىڭ تەخمىنەن 3 كىۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پاجىئەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بېكىتىش ئۈچۈن ئۇچۇش خاتىرىلەش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندا يۈزلەرچە خادىم خىزمەت قىلماقتا

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئايروپىلان پارچىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە يىغىش مەشغۇلاتىنىڭ ئەتراپلىق داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندا جەمئىي 408 خادىم، 103 قۇرۇقلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە 7 ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھەربىي تەكشۈرگۈچىلەردىن باشقا، لىۋىيەدىن 22 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

لىۋىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدە مۇداپىئە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرىمۇ بار.

يەرلىكايا: «مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئاشكارىلاش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز. دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ، بىز ئۇنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەم ئەزىز مىللىتىمىز، ھەم پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىمىز» دېدى.