سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پارچىلانغان بىر دۇنيادا دىپلوماتىيەنى قايتا جانلاندۇرۇش... ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى باشلاندى
«پارچىلانغان بىر دۇنيادا دىپلوماتىيەنى قايتا جانلاندۇرۇش» تېمىسىدىكى 2025-يىللىق ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى باشلاندى.
پارچىلانغان بىر دۇنيادا دىپلوماتىيەنى قايتا جانلاندۇرۇش... ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى باشلاندى
ADF / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا 11-ئاپرېلدىن 13-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-نۆۋەتلىك ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى ئانتاليادا باشلاندى.

تۈركىيەنىڭ داڭلىق ساياھەت شەھىرى ئانتاليادا باشلانغان تۆتىنچى قېتىملىق دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنى، زور گېئوسىياسىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە خەلقئارا مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەش ئۈچۈن دۇنيا رەھبەرلىرى، دىپلوماتلار، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاكادېمىكلارنى بىر يەرگە جەم قىلماقتا.

پائالىيەت 11-ئاپرېل جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقلىرى بىلەن باشلاندى.

ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ مۇنبەر يىغىنى «پارچىلانغان بىر دۇنيادا دىپلوماتىيەنى قايتا جانلاندۇرۇش» تېمىسىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، دىپلوماتىيەنىڭ رايونلۇق ۋە يەرشارىۋى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قايتا لايىھەلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىغا 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى، 70 تىن ئارتۇق مىنىستىر (بۇنىڭ 50 نەپىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن 60 قا يېقىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.

قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئانتاليا ئايرودۇرۇمى ئىنتايىن ئاۋاتلاشتى. جەمئىي 140 قا يېقىن دۆلەتتىن 450 ۋەكىل ۋە 50 گە يېقىن دۆلەتتىن 950 مۇخبىر تىزىمغا ئالدۇردى.

مۇنبەر دائىرىسىدە، ئوتتۇرا شەرقتىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيانغىچە، ئافرىقادىن لاتىن ئامېرىكاسىغىچە بولغان نۇرغۇن رايونغا دائىر مەسىلىلەر ھەمدە كېلىمات ئۆزگىرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، رەقەملىشىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يەرشارىۋى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان 50 دىن ئارتۇق يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

مۇنبەرگە قاتنىشىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەر ئىچىدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئەرسىن تاتار، سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد، قاراتاغ پىرېزىدېنتى ياكوۋ مىلاتوۋىچ، سېررالېئون پىرېزىدېنتى جۇلىيۇس مادا بىئو، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پرابوۋو سۇبىيانتو، گىۋىنېيە-بىسساۋ پىرېزىدېنتى ئۇمارو سىسسوكو ئېمبالو، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ۋە كوسوۋو پىرېزىدېنتى ۋجوسا ئوسمانى-سادرىيۇ قاتارلىقلارمۇ بار.

دىپلوماتىيەنىڭ يۈرىكى ئانتاليادا سوقماقتا

ئانتاليا ۋالىيسى ئەرسىن شاھىن بۇ يىل تۆتىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇنبەرگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

شاھىن يەرشارى مىقياسىدا نام قازانغان ئانتاليانىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ئاخباراتچىلارنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئانتاليانىڭ چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنىمۇ تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى