خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە لازقىيەدە دائېشنىڭ ئۇۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى
سۈرىيە لازقىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلىغان دائېشنىڭ ئۇۋىسىنى  يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە لازقىيەدە دائېشنىڭ ئۇۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى
سۈرىيە لازقىيەدە دائېشنىڭ ئۇۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى / AA

سۈرىيەلىك بىر ئەمەلدار، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدە ئىككى دائېش تېررورچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، باشقىلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، توقۇنۇشتا بىر سۈرىيە ئىستىخبارات خادىمىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائېشقا چېتىشلىق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ دېڭىز قىرغىقى رايونىدا ھۇجۇم پىلانلىرى تۈزۈۋاتقان پەيتتە ئۇۋىسىدا قولغا چۈشۈرۈلۈپ، بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەتكە قاراشلىق سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقى (SANA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لازقىيەنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بىرىگادا كوماندىرى ئابدۇلئەزىز ھىلال ئەلئەھمەد دۈشەنبە كۈنى كەچتە، مەزكۇر ئۇۋىنىڭ لازقىيە يېزىلىرىنىڭ شىمالىدىكى بەدرۇسىيە رايونىدا «سەزگۈر بىر بىخەتەرلىك ھەرىكىتى» ئارقىلىق نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى، مەزكۇر تېررورلۇق ئۇۋىسىنىڭ سۈرىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى رايونىدا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى بىلەن دائېش ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا مەزكۇر ئۇۋىنىڭ ئىككى ئەزاسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، قالغانلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتقان ئەھمەد، تۇتۇلغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى، بىر ئىستىخبارات خادىمىنىڭ بولسا توقۇنۇشلاردا ئېغىر يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا تۈرلۈك قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرۈلدى.

 بەششار ئەسەدنىڭ 2024 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتى بىخەتەرلىكنى قايتىدىن ئورنىتىش، ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ھەمدە رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيورلار بىلەن ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتى.

تەخمىنەن 25 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى بولغان بەششار ئەسەد ئۆتكەن يىلى دېكابىردا رۇسىيەگە قاچتى. بۇ ئەھۋال 1963 – يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدىكى بەئىس پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.

بۇ دۆلەتتە يانۋار ئېيىدا پىرېزىدېنت ئەھمەد شارا رەھبەرلىكىدە يېڭى بىر ئۆتكۈنچى ھاكىمىيەت قۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى