ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئامېرىكا بىلەن تاموژنا بېجى سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى رەت قىلماقتا
خىتاي ئامېرىكا بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ھېچقانداق سۆھبەت ياكى مەسلىھەتلىشىشنىڭ ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئامېرىكا بىلەن تاموژنا بېجى سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى رەت قىلماقتا
FILE PHOTO: A China Shipping container is seen at the port of Oakland, California. / Reuters

دوكلاتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئامېرىكادىن كەلگەن بەزى مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق توغرۇلۇق يوشۇرۇن خىزمەت ئىشلىمەكتە ئىكەن. بۇ، بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ سودا ئۇرۇشى جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى دەپ قارالماقتا ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ھازىرچە ھېچقانداق سۆھبەت ياكى مەسلىھەتلىشىشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. بۇ بايانات، بېيجىڭنىڭ بەزى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۇن جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاموژنا بېجى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان تاموژنا  بېجىنى يېنىكلىتىش پىلانىنىڭ تەپسىلاتلىرىغا قىزىقمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ باسقۇچتا خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

 لېكىن،  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تاموژنا بېجىنىڭ تەپسىلاتلىرىدىن خەۋەر تاپقان كارخانىلارنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا %125 لىك ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويۇش ۋە ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىنى بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتماقتا ئىكەن. خىتاي بۇ دائىرىدە ھەرقايسى شىركەتلەردىن تاموژنا بېجى قويۇلماسلىقىغا ماس كېلىدىغان قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى بېكىتىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قەدەم، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي كۈچنىڭ سودا ئۇرۇشىنى تىزگىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى دەپ قارالماقتا، ھەمدە تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىگە بولغان ئەندىشىلەرنى يېنىكلەتمەكتە ئىكەن.

تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسىگە رەسمىي ئۆزگەرتىش ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئىچكى ئانالىزلار بېيجىڭنىڭ بەزى سانائەت ساھەلىرى ئۈچۈن تاموژنا بېجىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. بۇ ئۆزگىرىشلەر ۋاشىنگتوندىن كەلگەن سۈركىلىشنى يېنىكلىتىش سىگناللىرى بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈچۈن،  پۇل - مۇئامىلە بازارلىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى:  جۈملىدىن خوڭكوڭ ۋە ياپونىيەدىكى پاي چىكى بازارلىرى يۇقىرى ئۆرلىدى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئازراق بولسىمۇ ئاشتى.

 خىتايدىكى ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مايكېل خارت مۇنداق دېدى:

« مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ شىركەتلىرىمىزدىن ئامېرىكادىن كەلتۈرگەن ۋە باشقا ھېچ يەردىن تاپقىلى بولمايدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى سورىماقتا.»

خارت ئامېرىكا سودا گۇرۇھى ۋەكىللىك قىلىدىغان بەزى شىركەتلەرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادىن كەلتۈرگەن مەھسۇلاتلارغا يېڭى تاموژنا بېجى قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

فىرانسىيەنىڭ ئايروپىلان موتورى ئىشلەپچىقىش گۇرۇھى سافران شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىمۇ، خىتاينىڭ ئايروپىلان موتورلىرى ۋە قونۇش ئەسۋابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر يۈرۈش ئاۋىياتسىيە ساھەسى ئۈسكۈنىلىرى» دىن تاموژنا بېجى ئالمايدىغانلىقىدىن تۈنۈگۈن كېچە  خەۋەر تاپقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىنىڭ سېلىنما ۋە خىتايدىكى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خىتايدىكى 80 دىن ئارتۇق چەت ئەل شىركەتلىرى ۋە سودا بىرلەشمىلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

بېيجىڭ ئويلىشىۋاتقان ئامېرىكانىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق پىلانى دورا ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن تارتىپ ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگىچە خىتايدىكى شىركەتلەرنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش ھەمدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچتىن نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرىغىچە بولغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ ئەرزان باھادا ئىمپورت قىلىش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال، ترامپ ھاكىمىيىتى بېيجىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئېكسپورتىغا بولغان بېسىمنىمۇ ئازايتىشى مۇمكىن.

 ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كېڭىشىمۇ خىتاي سودا مىنىستىرلىقىدىن تاموژنا بېجى ئىستىسناسى مەسىلىسىدە مەسلىھەت سورىغانلىقىنى ۋە جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كېڭىشنىڭ رەئىسى يېنس ئېسكېلۇند مۇنداق دېدى:

«ئەزا شىركەتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكادىن كەلتۈرگەن مۇھىم زاپچاسلارغا قويۇلۇۋاتقان تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.»

جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلىرىدا ۋە كارخانىلار بىلەن سودا گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردا، تاموژنا بېجى ئىستىسناسى ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 131 تۈرلۈك مەھسۇلاتنىڭ  تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

 رېيتېر ئاگېنتلىقى بۇ تىزىملىكنىڭ ۋاكسىنا مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ خىمىيە ۋە ئايروپىلان موتورلىرىغىچە بولغان مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى دەلىللىيەلمىدى. خىتاي تاموژنا ئىدارىسى ۋە سودا مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى ئىنكاس قايتۇرۇش تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىدى.

ھەممىگە مەلۇمكى، ۋاشىنگتون ئىلگىرى خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بەزى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى ئىستىسناسى ھوقۇقى بەرگەن ئىدى. لېكىن خىتاي ئامېرىكا %145 لىك تاموژنا بېجىنى بىكار قىلمىغۇچە، ئامېرىكاغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكرارلىغان ئىدى.

 خىتاي ئىقتىسادى سودا ئۇرۇشىغا بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ئىشسىزلىق، پۇل پاخاللىقى بېسىملىرى ۋە سېتىلمىغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىغىلىپ، ئىچكى بازارنىڭ تېخىمۇ كاساتلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ دېگەندەك ئەندىشىلەر ئىچىدە كىردى.

خىتاينىڭ 2024-يىلى سودا ئاكتىپ بالانسى تەخمىنەن 1 تىرىليون دوللارغا يەتكەن بولسىمۇ، پىلاستىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتى بولغان ئېتان ۋە بەزى دورىلار قاتارلىق مۇھىم ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىدا ئامېرىكاغا تايىنىدۇ. AstraZeneca  ۋە GSK قاتارلىق چوڭ دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا سېتىلىدىغان دورىلىرى ئۈچۈن ئامېرىكادا كەم دېگەندە بىر ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار. چوڭ ئېتان ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئامېرىكانىڭ بىردىنبىر  تەمىنلىگۈچى بولۇشى سەۋەبىدىن، بېيجىڭدىن تاموژنا بېجى ئىستىسناسى تەلەپ قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى