خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈنئىي ئىدراك جاسۇسلىرى ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى خاككېرلاشقا ئۇرۇندى
تەتقىقات تەجرىبىخانىسى «Transluce» (ترانسلۇس) تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقىغا ۋە كانادا كۇتۇپخانا ۋە ئارخىپلىرىغا قارىتىلغان دەسلەپكى سەۋىيەدىكى خاككېرلاش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
سۈنئىي ئىدراك جاسۇسلىرى ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى خاككېرلاشقا ئۇرۇندى
سۈنئىي ئىدراك جاسۇسلىرى ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى خاككېرلاشقا ئۇرۇندى / Reuters

سان فىرانسىسكونى مەركەز قىلغان پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان تەتقىقات تەجرىبىخانىسى «Transluce» نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سۈنئىي ئىدراك (AI) جاسۇسلىرى ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىنى خاككېرلاشقا ئۇرۇنغان.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، تەتقىقاتچىلارنىڭ «بىرى ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ پۇقرالار ھوقۇقى سانلىق مەلۇمات توپلاش سىستېمىسىغا، يەنە بىرى بولسا بىر كانادا فېدېراتسىيە ئورگىنى بولغان كانادا كۇتۇپخانا ۋە ئارخىپلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، دەسلەپكى سەۋىيەدىكى ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىككى قېتىملىق خاككېرلاش ئۇرۇنۇشى» نى بايقىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەتقىقاتچىلار، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ، جاسۇسلارنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكەتلىرىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە، خاككېرلىق چەكىگە يەتمەيدىغان ئەمما ھۇجۇم خاراكتېرلىك تاكتىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا تور بېكەتلەرنىڭ ئادەتتە نىشانلانمىغان شەكىللەردە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ۋە پات-پات ئوچۇق ئىشلىتىش سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى» ئىپادىلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - When AI went rogue: Inside the alarming test that broke its own rules

دوكلاتقا قارىغاندا، تىلغا ئېلىنغان پائالىيەتلەر ئاقساراي، ئۇرۇش، ئەدلىيە ۋە سودا مىنىستىرلىقلىرى، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركەزلىرى، ئاكسىيە ۋە بېرژا كومىتېتى  بىلەن كالىفورنىيە، مارىلاند، ئىللىنوئىس، تېكساس ۋە نيۇ-يوركتىكى ئۆلكىلىك ئورگانلارنىڭ تور بېكەتلىرىنى نىشان قىلغان.

تەتقىقاتچىلار: «ھازىرغىچە بۇ سانلىق مەلۇمات توپلاملىرىدا،جاسۇسلارنىڭ ئاممىغا ئوچۇق بولمىغان ھەرقانداق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ئەھۋالغا يولۇقمىدۇق» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

كانادا تور بىخەتەرلىك مەركىزى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، گۇمانلىق سۈنئىي ئىدراك جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

كانادالىق ئەمەلدارلار: «نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ھۆكۈمەت سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر پاكىت يوق» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Rogue ChatGPT agents leak user images as OpenAI probes unauthorised activity
ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى