سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھۆكۈمىتى لوس ئانژېلېستىن 2000 ئەسكەرنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى
رايوندا 2000 ئەتراپىدا دۆلەت مۇھاپىزەتچىسى ۋە 700 نەپەر دېڭىز ئارمىيەسى پىيادە قىسىملار ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە قانچىلىك تۇرىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
ترامپ ھۆكۈمىتى لوس ئانژېلېستىن 2000 ئەسكەرنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى كۆچمەنلىك سىياسىتىدە كەينىگە يېنىپ، لوس ئانژېلېستىن 2000 ئەسكەرنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى / AP

پېنتاگون باش باياناتچىسى شائۇن پارنېل سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ لوس ئانژېلېسقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2000 دۆلەت مۇھاپىزەتچىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «چاقىرىقىمىزغا ئاۋاز قوشقان ئەسكەرلىرىمىزگە تەشەككۈر ئېيتىمىز. لوس ئانژېلېستىكى قانۇنسىزلىق تىزگىنلەنمەكتە.»

ئۇ يەنە: «شۇنىڭغا ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فېدېراتسىيەنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان 2000 كالىفورنىيە دۆلەت مۇھاپىزەتچىسىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ رايونغا 4000 غا يېقىن دۆلەت مۇھاپىزەتچىسى ۋە 700 دېڭىز ئارمىيەسى پىيادە قىسىملار ئەسكىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. قالغان قىسىملارنىڭ رايوندا يەنە قانچىلىك تۇرىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

بۇ ئەسكەرلەرگە فېدېراتسىيە بىنالىرىنى قوغداش ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ تۇتۇش ھەرىكەتلىرىگە ھەمكارلىشىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەنىدى.

بۇ ۋەزىپە ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، 60 كۈن داۋاملىشىشى پىلانلانغانىدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا لوس ئانژېلېس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆچمەنلەرنى تۇتۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار تۈپەيلىدىن، 4000 ئەتراپىدا كالىفورنىيە دۆلەت مۇھاپىزەتچىسى بىلەن 700 نەپەر ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسى پىيادە قىسىملار ئەسكىرىنى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغانىدى.

«سىياسىي ئويۇننىڭ پىيونلىرى»

بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋالىي گاۋىن نىيۇسومنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، نىيۇسوم بۇ قارارغا قارشى قانۇنىي كۈرەش باشلىغانىدى.

دەسلەپتە، بىر رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ترامپنىڭ ۋالىينىڭ ئېتىرازىغا پەرۋا قىلماي دۆلەت مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغانىدى. بىراق، نارازىلىق ئەرزى سوتى ھۆكۈمەتنىڭ ئەسكەرلەرنى داۋاملىق كونترول قىلىشىنى تەستىقلىدى. بۇ ھەقتىكى قانۇنىي جەريان بولسا ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.

نىيۇسوم دۆلەت مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ لوس ئانژېلېسقا ئەۋەتىلىشىنىڭ ئەسكەرلەرنى ئائىلىلىرىدىن ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدىن ئايرىپ، «پىرېزىدېنتنىڭ لوس ئانژېلېستىكى سىياسىي ئويۇنىنىڭ پىيونلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

ۋالىي نىيۇسوم يەنە: «2000 غا يېقىن ئەسكەر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، قالغان مۇھاپىزەتچىلەر ۋەزىپىسىز، يوليورۇقسىز ۋە ئۆز مەھەللىلىرىگە قايتىش ئۈمىدىدىن مەھرۇم ھالدا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىز ترامپ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى بۇ سىياسىي ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بارلىق ئەسكەرلەرنى دەرھال ئۆيلىرىگە قايتۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى