خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 1 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىلاندى
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار سەھەردىن باشلاپ بېيرۇت ۋە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا ئۇچقان.
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 1 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىلاندى
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 1 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىلاندى / AA
2025-يىلى10-ئاينىڭ12-كۈنى

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايىتىدىكى ئەلمۇسەيلىھ بازىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بىركىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەتتە كىشى يارىلاندى. بۇ ھۇجۇملار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قىلىنغان ئەڭ يېڭى خىلاپلىقلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە يەرلىك تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى.

دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلمۇسەيلىھ يولىدىكى ئالتە جاينى ھۇجۇم نىشانى قىلغان 10 - قېتىملىق ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىللار ۋەيران بولغان ۋە كۆيۈپ كەتكەن.

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا بىر سۈرىيە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىرى سۈرىيەلىك ۋە ئالتىسى لىۋانلىق بولۇپ، جەمئىي يەتتە كىشى يارىلانغان. يارىلانغانلار ئىچىدە ئىككى ئايالمۇ بار.

ئەلمۇسەيلىھ يولى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن تاقىۋېتىلدى. «ئەلمانار» قانىلى يولنىڭ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەنبە كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ پايتەخت بېيرۇت ۋە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا ئۇچقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى دەلىللىدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاندا ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقىنى دەلىللىدى. ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «جەنۇبىي لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ تېرورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشانلاپ ۋەيران قىلدۇق. بۇ رايوندا ئۇل ئەسلىھەلەرنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنژېنېرلىق ئۈسكۈنىلىرى بار ئىدى» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە نويابىردا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، لىۋاننى كۆپ قېتىم بومباردىمان قىلدى. بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىران قوللايدىغان بۇ گۇرۇپپا بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردىن كېيىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇرۇش ئىككى ئايلىقاشكارا توقۇنۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان ۋە بىر يىل داۋاملاشقان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدىن 2024-يىلى نويابىردا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىدى. توقۇنۇش 2024-يىلى سېنتەبىردە ئىسرائىلىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىغا ئايلىنىپ، 4000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە، تەخمىنەن 17 مىڭ كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ يانۋارغىچە جەنۇبىي لىۋاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئىسرائىلىيە ھازىرغىچە پەقەت قىسمەن چېكىنىشنىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، چېگرادىكى بەش قاراۋۇلخانىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Lebanon begins 4th phase of Palestinian camp disarmament plan

لىۋان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

لىۋان جۇمھۇر رەئىسى جوسېف ئائۇن شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە قاراتقان كېچىدىكى ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

ئائۇن: «بىر قېتىم يەنە، لىۋاننىڭ جەنۇبى ھېچقانداق سەۋەب ياكى باھانە بولماستىن، ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ۋەھشىي بىر ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىنىڭ نىشانى بولدى. بۇ ئەڭ يېڭى ھۇجۇمنىڭ ئېغىرلىقى، ئۇنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن يۈز بېرىشىدە» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

لىۋاننىڭ رەسمىي دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ توپا ئىتتىرگۈچ ماشىنىلار ئىشلەۋاتقان مەيدانلارنى نىشان قىلغان 10 - قېتىملىق ھۇجۇمىنى  ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى